سورۇلغان كۈللىرى ئۆمرىمىزنىڭ

يوللىغۇچى : aypalta يوللىغان ۋاقىت : 2011-07-03 19:14:45

Savrulan Külleri ÖmrümüzünAhmet Telliسورۇلغان كۈللىرى ئۆمرىمىزنىڭئەخمەت تەللى ( تۈركىيە)بىر قىزنىڭ چوڭ كۆزلىرىدە كۆردۈمبۇلۇتلارنىڭ تاغلارغا ئاستا چۆكۈشىنىبالىدەك جىمىقىشىنى كۆردۈم، پەرىشانۋە قەل...

     

    Savrulan Külleri Ömrümüzün

    Ahmet Telli

     سورۇلغان كۈللىرى ئۆمرىمىزنىڭ

     

    ئەخمەت تەللى ( تۈركىيە)

     

    بىر قىزنىڭ چوڭ كۆزلىرىدە كۆردۈم

    بۇلۇتلارنىڭ تاغلارغا ئاستا چۆكۈشىنى

    بالىدەك جىمىقىشىنى كۆردۈم، پەرىشان

    ۋە قەلبىمنى تۇمانلىق تاغدىكى تۇمانغا يايدىم

    چوپانلار نېكەم يېنىپ چۈشۈشكەن

    مەن بىر يالغۇز دەرەخ ئىدىم چوققىلاردا.

     

    دولقۇن-دولقۇن سۇلاردا كۆيۈك پۇرىقى

    ۋە ئېگىز بىر قىزنىڭ كۈلۈمسېرىشى

    نۇر زامانغا تالىق،زامان بولسا ئۇنىڭ

    چوپچوڭ كۆزلىرىدۇر بۇندىن تارتىپ

    چۈشەندىم، تارىخمۇ يېزىلماس

    سۆيگۈ بەتلىرىگە ئويلاپ باقسا كۈن.

     

    يالغۇز ئىدىم، ياپراقلىرىم تۆكۈلەتتى بىر-بىرلەپ

    دەريالاردا ئېقىپ چۆللەرگە چۈشەتتى

    يەنە ئىس چىقتى، قايسى شەھەرگە ئوت كەتتى

    قايسى كوچىدا ئېتىپ تاشلاندى سۆيگۈنىم

    بىر دەستە رۇخسارگۈل، بىر ئۇچۇم تۇپراق

    دەرت ئۈچۈن يارالغانمۇ يۈرىكىم.

     

    ئاۋازىمدا بىر يانغىن، بىر كەكرە تەم

    ئۇزاپ كەتكەن بىر چۆل يالغۇزلىقى

    گېزىت خوشياقماس، باش قېيىپ تۇرار

    سۇسىز قالغان گۈللەردەك قۇرۇماقتا ھەممە

    ھەممىنى ئەزمەكتە سەپەر ئازابى

    بارسا-كەلمەس يولغا چىقتى پۈتۈن يۈزلەر.

     

    تۇمانلىق تاغدا بىر غالچىنىڭ كۆلەڭگىسى

    تاغ جىمجىتلىقى بېسىۋالماقتا شەھەرلەرنى

    يېڭىلگەن بىزمۇ ياكى سۆيگۈمۇ

    بىر قىزنىڭ چوڭ كۆزلىرىدە كۆردۈم

    سورۇلغان كۈللىرىنى ئۆمرىمىزنىڭ

    جۇدالىق ھالاك قىلار بۇ شەھەرنى بىلىمەن.

     

    ئۆلۈمگە قاقشىماس ئۆلۈپ كەتكەنلەر

    لېكىن بىر قىزنىڭ چوڭ كۆزلىرى يالقۇنلىماقتا

    ئازاپلار ئۆچ ئېلىشقا قۇترىتار مېنى

    تاشماقتا ئىچىمدە دەھشەتلىك ئوكيان

    ۋەتەن دەيمەن، چۆكۈپ كەتكەن كېمە ئەمەسمەن

    ۋەتىنىمنى ئىزلەيمەن،غەزەپلەنگەن كۈللەر ئىچىدە.

     

    تۈركچىدىن ئايپالتا ئۇيغۇرچىلاشتۇردى. 

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.