رائۇل زۇرىتا شېئىرلىرى

يوللىغۇچى : arkinnur يوللىغان ۋاقىت : 2010-04-10 12:15:15

@font-face {font-family: UKIJ Tuz Tom; font-style: normal; font-weight: normal; src: url(UKIJTUZ0.eot); } * { font-family:UKIJ Tuz Tom;} زۇرىتا شېئىرلىرىئەركىن نۇر تەرجىمىسى زۇرىتا شېئىرلىرىدا ئاندىس تاغلىرى، دېڭىز-ئوكيان

    زۇرىتا شېئىرلىرى
    ئەركىن نۇر تەرجىمىسى

       
       زۇرىتا شېئىرلىرىدا ئاندىس تاغلىرى، دېڭىز-ئوكيانلار، دەريا-كۆللەر قاتارلىق تەبىئىي مەنزىرىلەر ئارقىلىق شائىرنىڭ ئۆز ۋەتىنىگە بولغان قىزغىن مۇھەببىتى، كىشىلەر بىلەن تەبىئەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋىتى ئىپادىلەنگەن، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىنسانىيەت ماددىي مەدەنىيىتى كىشىلەرنىڭ مەنىۋىي تۇرمۇشىغا ئېلىپ كەلگەن ئېغىر جاراھەتلىرى، تەبىئەت ئېكولوگىيىسىنىڭ دەھشەتلىك بۇزۇلۇشى قاتارلىق مەزمۇنلار ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. بولۇپمۇ، ئۇنىڭ ۋەتەن، خەلقنى سۆيۈش تۇيغۇسى شۇنچىلىك كۈچلۈككى، خۇددى بارچە شېئىرى شۇ مەزمۇننى دەۋر قىلىپ ئايلىنىپ تۇرغاندەك بىلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ، ئۇنىڭ شېئىرلىرىدا بىر شېئىرىدا ئىشلىتىلىپ بولغان مىسرالار، شېئىرىي ئوبرازلار كېيىنكى باشقا بىر شېئىرىدىمۇ ئۇچراپ تۇرىدۇ، بۇنىڭدىن ئۇنىڭ ئاشۇ كۈچلۈك ۋەتەن مۇھەببىتى ئالدىدا ئۆز سۆيگۈسىنى تولۇق ئىپادىلەپ بەرگەنگە قەدەر توختىماي كۈيلەش قىزغىنلىقىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس. زۇرىتا شېئىرلىرىنىڭ قۇرۇلما ۋە شەكلى نىسبەتەن ئەركىن ۋە يېڭىچە بولۇپ، شېئىرلىرىدا بىر خىل ئەركىن روھىي ھالەتنى ئىزھار قىلىشقا قۇلايلىق بولغان ئەركىن ئۇسۇل ئىزچىلللاشتۇرۇلغان بولغاچقا، ئۇنىڭ شېئىرلىرىدا نەسرلىك تۈس، خۇسۇسىيەتلەر كۆپ. شۇڭا، ئۇنىڭ بۇ ئۇسلۇبىنى ساقلاپ قېلىش مەقسىتىدە ئۇيغۇرچىغا، تەرجىمە قىلىش جەريانىدا ئامال بار شەكىل ۋە مەزمۇندىكى ئەينەنلىك ئاساس قىلىندى. 


    زۇرىتا

    ئەل ئايىغى بېسىققان مەھەل، زۇرىتا
    چۈش كۆرگەندەك ئېيتتى: بارچە كەتتى تاتلىق ئۇيقۇغا؛
    چۈنكى، ئۇ كۆرۈپ قالغانىدى بىر يۇلتۇز،
    قارايغاندا زۇلمەت كېچە ئەڭ؛ شۇڭا
    كېمىنىڭ قازنىقىدا تۈگۈلۈپ يېتىپ
    ئۆچكەن نىگاھىمنى تاڭ سەھەر
    ياندۇرغىنىنى ھېس قىلدىم قايتا.
    بولدى بەس. مۈگدەك باستى قەلبىمنى مانا.

    چىلى دېڭىز ساھىلى (1)

    چىلىلىقنىڭلا تەقدىرى ئەمەس بۇ:
    يىغلىغانچە يىراقلاش... پۈتكۈل دېڭىز ساھىلى
    ئۇلارغا كۆرۈنەر غىق جاراھەت بولۇپ
    دېڭىز ساھىلى ئەمەس كىشىلەرنىڭ كۆرگىنى،

    تىمسالى ئۇ تاڭغا تەلمۈرگەن ئاسمان، ئاشۇ ئاق رەڭ تەۋەئەمەستەك
    كۆزگە پۈتكۈل چىلى يۇيار يالتىراق، ئوچۇق يارىسىنى كىشىنىڭ.

    1. ئۈستۋېشى چىلىنىپ كۆز يېشىغا، ئۇ تاشلىدى ئەڭنىنى سۇغا
    2. كۆرگەندەك بولدى كىشىلەر، ئۇنىڭ يالىڭاچ ھالدا
    تۈگۈلۈپ، پۈتكۈل تېنى تىترەۋاتقاندەك بىر جۈپ قولى بىلەن
    توسار ئۇ زەرداپ سىرغىپ ئاققان ھەر بىر جاراھەت ئېغىزىنى
    3. بەلكىم، كۆرگىنىڭىزلەر سىياقىدۇر ئۇنىڭ ئەرۋاھ كەبى
    كۆرگىنىڭىزلەر ئۇنىڭ ئۆزىنى قانداق باغاشلاشلىرى تېنى تىترەپ ئىڭراپ
    ئۇنىڭ كۆزىدىكى ئاسمان رەڭگى يوقىلار ئاستا
    چۈنكى، بۇ كىشىلەر كۆرگەن دېڭىز ساھىلى ئەمەس، بەلكى
    جىمى جاراھەتتىن ئېتىلار ئۇلارنىڭ تېنىگە ئاق رەڭ ئاغرىقلار
    گويا قارىچۇقىدا كىشىلەر بەخت تىلىكىنى چاچقۇ قىلىپ چاچقىنىدەك ئۇنىڭغا
    4. شۇ دېڭىز ساھىلىدا تۇغۇلمىغان قايتىلاپ تاڭ، چۈنكى
    5. ئوچۇق جاراھەت نۇر چاچىدۇ يالتىراپ شۇ دېڭىز ساھىللىرىدا
    6. نۇر چېچىشىدۇر بۇ جىمى دېڭىزنىڭ ئۇلار ئەمدىلا
    يۇيۇلغان نىگاھلارغا ھۆرمەت ئەيلىگەن ئۇندا

    چۈنكى، بۇنداق دېڭىز ساھىلى ئەمەس كىشىلەرنىڭ كۆرگىنى، بەلكى
    دېڭىز ساھىلىغا سوزۇلغان ئۇلارنىڭ جاراھەتلىرى
    پۈتكۈل چىلى كىيىمىنى سېلىپ تاشلار ئۇندا
    سۇدا يالتىرايدۇ، نۇر چاچىدۇ چىلىنىڭ مۇراسىم كىيىمى
    ئۆزگىلەرنىڭ يۇيۇلغان شادلىقىدا يىغلاۋاتقان تەقدىرىگە يۈزلىنىپ

    يۇلتۇزلارنى كۆردۇق قايتىدىن

    زىچچىدە تۈگۈلۈپ يېتىشىپ، كېمە قازنىقىدا
    سەزدىم بىردىن: بوران، كېچە ۋە ئۆزۈمنىڭ
    بىر-بىرىگە كەتكىنىمىزنى قوشۇلۇپ؛
    سەزدىم: ھەممىمىزنىڭ ھايات قېلىشىنى
    چۈنكى، ھايات ئىدى كۈللى كائىنات
    بىر دەقىقە ئۇ پەقەت، بورانلارغا ئەگىشىپ
    ھۇۋلاپ بوران باشقىدىن بۇ مېڭەمدە
    تەشۋىشلىرىم ئاشتى ھەسسىلەپ
    خىرەلەشتۈرگەن قەدەر روھىمنى باشقا بىر دۇنيا
    ئۇ ئىدى غەلىتە بىر دەقىقە، قورققان بولساممۇ ئايرىلىپ قېلىشتىن جاندىن
    ئۇنتۇلمايلا كەلدىم شۇ دەقىقىنى بىر ئۆمۈر

    چوپان ناخشىسى

    بىر پارچە جەزىرىدۇر ۋەتىنىم چىلى
    كۆچكەن تۈزلەڭلىك، قۇرىغان دەريا
    قاغجىراق تاشتىنمۇ بەتتەر
    كوچىلاردا ماڭغىنى

    ئادەم ئەمەس، ئىبلىستۇر بىلسەڭ
    مىغىلداپ يۈرۈشكەن گويا

    قوللىرىڭنى سۇنساڭ ئېھ، ماڭا
    تاشلار كۆرۈپ قالسا ئەگەردە
    ئېرىپ كېتەر تامام شۇ ئەسنا

    ئاخىرلاشتى ئەمدى ھەممىسى

    1. ئاڭلىۋال، ساداسىنى ئاخىرقى قېتىم بۇ تۈزلەڭنىڭ
    2. كۆرۈۋال، قېپقالغان يايلاقنى ئاخىرقى قېتىم
    چۈنكى، نىدا قىلار جىلغا ئاداققى مەرتەم، كۆيگەندىن كېيىن
    ئۆلگۈدەك قىزىيدۇ، ھاۋا ئۈچۈن بوزلايدۇ
    ھاۋا ئۇچۇپ يۈرگەن كۈلگە ئايلانغاچ
    3. چۈنكى، تۈگەشكەن ئوتلاقتا گۈل-غۇنچىلار ئېچىلمايدۇ ئەمدى ھەرگىزمۇ
    4. كۈللەر ۋەيران بولغان ئوتلاقلارغا ئەگىشىپ ئۇچۇپ يۈرىشەر شۇڭا
    پۈتكۈل چىلى جىلغىنىڭ ئۆلۈمىگە قايغۇرار، جىلغا
    «ئۈزۈل-كېسىل تۈگەشتى»، تەلمۈرگۈنچە كۆككە يىغلايدۇ ھەممە
    قالغان يار-يۆلەكسىز، يايلاقنى بىر «سۈف»لەپلا ھاياتىدىن قىلغاندەك جۇدا
    5. كىشىلەر كۆرۈشەر چىلى جىلغىلىرىدا ئاسمان-پەلەك ئوت كۆيۈۋاتقىنىنى چۈنكى
    6. شۇڭا، كۈللەرمۇ نالە قىلار: «ئەمدى تۈگەشتى ھەممە!» دەپ ھەتتا
    7. ئاداققى رەت توزغۇيدۇ كۈللەر، ئاسماندا
    جان ھەلقۇمىغا كەلگەن جىلغىنىڭ لاۋۇلداپ كۆيۈشىنى كۆرىدۇ خەقلەر
    يىغلايدۇ ھۆڭرەپ، پۈتكۈل چىلى ئىچى سىيرىلىپ شۇ جىلغىلارغا

    يۈرەك بولدى پارە-پارە

    كۆكتىن چۈشتۈڭ، ماڭا سازا قىلغاندەك:
    «تۇغۇلۇپ باقمىدىڭ ھاياتتا بىر رەت!»
    سۇدا ئېقىپ سەرسان بولغان شۇ نەرسە
    يۈرەكتۇر مېنىڭ، بولغان پارە-پارە؛
    پارچىلانغان ئېقىنلار، ئۆكۈنمەيمىز ئۇنچىلىك تۆۋەنكى ئېقىندا
    قاينامدا، بىز يىقىلغان جايدا يىغلىدۇق يۈرىكىمىز يېرىلغۇچە تا.

    پارە-پارە بولدى يۈرىكىم، مەۋجۇت ئەمەس ئەمدى ھېچنەرسە
    ھاياتلىقتىن ئەسەر يوق قىلچە
    بارى پەقەت كاج ئېقىنىڭ
    سەن قوغلاشقان ئېقىنلار ھەمدە

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.