Şairler Sessiz Ölür
Arzu K. Ayçiçek
شائىرلار جىمجىت ئۆلەر
ئارزۇ K.. ئايچېچەك ( تۈركىيە)
( خىياللارغا مەست بولۇپ ئالدىمىغىن ئۆزۈڭنى
يۈرىكىڭنى يېشىل بىر يېزىدا ئۇنۇتتۇڭ سەن
ئويلان بىر ئاز ئالقىنىڭدا توسۇپ يۈزۈڭنى.)
باھارنى قۇچاقلىغان مەۋسۇم ئىدى ئاۋازى
تېگىپ كەتسە قوللىرىمغا تۆكۈلەر بارماقلىرىم
يۈزىگە باقسام ئۆزگىرەر يۈزىنىڭ رەڭگى
يۈرىكىمنىڭ يېشى يوق... چاچلىرىمنىڭ ھەم ئېقى!
كىرپىكىمدىن تۆكۈلگەنلەر ئاڭلىتار مېنى.
غەمگە پاتتىم بۈگۈن يەنە، گۈللىرىمگە تەگمەڭلار!
بىر توپ قۇشلار چاڭگا تىزدى كۆكسىمگە
« سوراق» تىكى بالىسىمەن مىليون يىللارنىڭ
بوسۇغامغا ئويۇلغان كىملىكىم دات باسقان سۇلارغا
ھاياتنىڭ كۆزلىرىدە ئېچىلغان گۈللەرنى سېغىنماقتىمەن.
سائەت-سائەت ئۇپراتماقتا زامان دېگەن نەرسە
ئېلىپ بارماقتا قۇياشقا ئاققان گۈزەللىكلەرنى
مانا مېنىڭ دۇنيارىم، دوست دەپ بىلگەن يالغۇزلىقىم
ۋە سۇلارنىڭ كۆپۈكلىرىدىن يىغىۋالغان سۆيگىنىم
بۇ مەن ئەمەس ئەينەكلەردىن جىممىدە سۈزۈلۈپ ئۆتىۋالغان
تېرەن يارىغا ئوخشار كونا ناخشىلار، ئىچىنى ئويغان خەنجەر
قاراڭغۇلۇقتا قايغان بالىلىقىمسەن مېنىڭ
يالغۇزلۇق قىيالىرىدا مىڭ يىل بۇرۇنقى سۈرگۈن
مەن ھەسرەتنى يادلىدىم، سەن قىيالارنى
چۈش بولغىيمىتىڭ سەن ۋە ياكى ئومان
سېغىنماقتا سېغىنچىم سېنى.
كۆيدۈرۈپ تاشلانسىمۇ ياز، داۋام قىلار چېچەك پەسلى
بۇ پەسىلدە فوسفور نۇرى دېڭىزگە چۈشەر
ئاللىقاچان ئۆچكەن بولار گۈللەردىكى لەۋ ئىزى
سۇ تاشار ئاخشامنىڭ كۈل رەڭگىدە ئۆلۈم بىلەن قېرىشىپ
بەزىلەردە ئۆچەر، بەزىلەردە تۇتىشار يېڭى بىر يانغىن
كىملەرنىڭدۇر كۆزلىرىدە قالار ھەسرەت ناخشىسى.
دەريا شاۋقۇنلاپ ئاقار... شائىرلار جىمجىت ئۆلەر...
تۈركچىدىن ئايپالتا ئۇيغۇرچىلاشتۇردى.
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.