ھاياتىڭ تۈگىدى(بايرون)

يوللىغۇچى : Yesimen يوللىغان ۋاقىت : 2010-10-09 17:33:46

ھاياتىڭ تۈگىدى گىئورگى گوردون بايرون 1 ھاياتىڭ تۈگىدى تارالدى نامىڭ ۋەتىنىڭ كۈيىگە پۈتۈلدى شانىڭ، چىقماس ئەل ئېسىدىن مۇنەۋۋەر ئوغلان، زۇلپىقار ئوينىتىپ ياۋنى قىرغىنىڭ، ئۇنتۇلماس ئىش ئىزىڭ ، جەڭدى...

    ھاياتىڭ تۈگىدى

    گىئورگى گوردون بايرون

     

    1

    ھاياتىڭ تۈگىدى تارالدى نامىڭ

    ۋەتىنىڭ كۈيىگە پۈتۈلدى شانىڭ،

    چىقماس ئەل ئېسىدىن مۇنەۋۋەر ئوغلان،

    زۇلپىقار ئوينىتىپ ياۋنى قىرغىنىڭ،

    ئۇنتۇلماس ئىش ئىزىڭ ، جەڭدىكى غەلبەڭ،

    ھۆرلۈكنى قانداقچە بەرپا قىلغىنىڭ !

    2

    يىقىلدىڭ بىز ئەركىن بولساقلا بىراق،

    ھالاكەت ئىلكىدىن تۇرىسەن يىراق،

    ئۇنتۇلۇپ قېلىشچۈن ئاقمىدى يەرگە،

    بولۇپ پاك تېنىڭدىن قۇتلۇق قان بۇلاق،

    ئۇ بىزنىڭ تومۇردا ياسار زور ئېقىن ،

    ياشار ھەر نەپەستە مەرت روھىڭ ئۇزاق!

    3

    ھۇجۇمچى قوشۇنغا نامىڭ كۈچ مادار،

    جەڭلەردە بىر ياڭراق جەڭگىۋار شۇئار!

    ئەجىلىڭ بولدى كۈي خورلارغا مەزمۇن،

    قىزلارنىڭ كۈيىدە جاراڭلاپ تۇرار،

    كۆز يېشى قىلالماس شەنىڭگە ئادا،

    ھەسرەتلىك ماتەممۇ ھاجەتسىز زىنھار .

     

    -----------------------------------------------------------

    قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 1984-يىلى نەشر قىلغان « خەزىنە گىرۋەكلىرى » دىن ئېلىندى.  مۇھەممەدئىمىن تەرجىمىسى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.