ئۈمىت ياشار ئوغۇزجان: بىر يەردە ئۆلۈم گۈزەل

يوللىغۇچى : aypalta يوللىغان ۋاقىت : 2011-07-29 19:40:51

Bir Yerde ölüm Güzel Oluyorümit Yaşar Oğuzcanبىر يەردە ئۆلۈم گۈزەلئۈمىت ياشار ئوغۇزجان( تۈركىيە)ئىنسان بىر رەت ئۆلىدۇ، ئەپسۇسبۇ قانۇنىيەتنى ئۆزگەرتىش كېرەكبىر رەت ياشاپ، تالاي رەت ئۆلۈش كېرەكئەڭ بۈ...



     

    Bir Yerde ölüm Güzel Oluyor

    ümit Yaşar Oğuzcan

     

    بىر يەردە ئۆلۈم گۈزەل

     

    ئۈمىت ياشار ئوغۇزجان( تۈركىيە)

     

    ئىنسان بىر رەت ئۆلىدۇ، ئەپسۇس

    بۇ قانۇنىيەتنى ئۆزگەرتىش كېرەك

    بىر رەت ياشاپ، تالاي رەت ئۆلۈش كېرەك

    ئەڭ بۈيۈك تەقدىرلەر بىز ئۈچۈن

    بىز ئۈچۈن جاۋاپسىز سۆيگۈلەر

    كور قۇدۇقلار، چىقماس كوچىلار بىز ئۈچۈن

    دۇنياغا قانداق كەلدۇق، سورىماڭلار

    قەدىرلىك ئانىلار رەنجىپ قالمىسۇن

    ھەر يېرىم ئايرىم-ئايرىم ئۆلىشى كېرەك

    بولمىسا ئۆلۈم يوقتۇر ماڭا بۇ دۇنيادا

    بىر پاي ئوق مېڭەمگە كىرسۇن

    بىر پىچاق يۈرىكىمگە تىقىلسۇن

    چوغدەك تۆمۈر كۆزۈمنى داغلىسۇن

    ئاندىن كەلسۇن بىر پاتمان ئەسكەر

    قوپال بىر بۇيرۇق، ئۇچۇۋاتقان ئوت

    قويۇپ بەر كىم باغلىسا مەيلى كۆزۈمنى.

    بىلەك تومۇرۇمنى كېسىۋېلىشنى جىق ئويلىدىم

    ئوتتۇرا ئەسىردىن قېپقالغان زەھەر ئىچىۋىلىشنى

    ۋە ئۆزۈمنى ئىگىز مۇنارلاردىن مەر-مەر تاشلار ئۈستىگە تاشلىۋېلىشنى

    پۇتلىرىمغا تاش باغلاپ دېڭىز ئاستىدا ئۆلۈشنى

    مەن يەنىلا ئۆلمىدىم، كۆرۈپ تۇرۇپسەن ئۆلمىدىم

    چاكىنا ھېساپ- كىتاپلار، رەزگى قورقاقلار مېنى قويۇۋەتمىدى

    بەلكى سەن قويۇۋەتمىدىڭ، بىلمىدىم

    قويۇۋەتكەن بولساڭ، ئاللىقاچان ئۇنتۇپ كېتەتتىم

    ھالبۇكى، ئەمدى مەندىن قېچىشىڭمۇ تەس

    بىلىمەن، مېنى ياخشى كۆرىشىڭمۇ تەس

    دېگەن ئىدىم: بىر يەرلەرگىچە ياشاش گۈزەل

    لېكىن يەنە بىر يەرلەردە ئۆلۈم بەك گۈزەل!

     

    تۈركچىدىن ئەنۋەر ھامىت( ئايپالتا) ئۇيغۇرچىلاشتۇردى.

     

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.