مۇز تەلەت بولۇۋېلىپ مېنى قىينىما(يېسىنىن)

يوللىغۇچى : Yesimen يوللىغان ۋاقىت : 2010-10-14 17:25:20

مۇز تەلەت بولۇۋېلىپ مېنى قىينىما... س. ئا يېسېنىن (1895-1925)(رۇسىيە) مۇز تەلەت بولۇۋېلىپ مېنى قىينىما... مۇز تەلەت بولۇۋېلىپ مېنى قىينىما، سورىما مەندىن ھەم "يېشىڭ قانچە؟" دەپ. گىرىپتار مەن ئېغىر تۇتقاق ك...

    مۇز تەلەت بولۇۋېلىپ مېنى قىينىما...

    س. ئا يېسېنىن  (1895-1925)
    (رۇسىيە)

     

     

    مۇز تەلەت بولۇۋېلىپ مېنى قىينىما...

     

    مۇز تەلەت بولۇۋېلىپ مېنى قىينىما،

    سورىما مەندىن ھەم "يېشىڭ قانچە؟" دەپ.

    گىرىپتار مەن ئېغىر تۇتقاق كېسەلگە،

    روھ- كەيپىم خارابتۇر تولا غېمىڭ يەپ.

     

    ئۆتكەندە بىر مەھەل گۆدەك بالىدەك،

    كۆپ ئىشلار ھەققىدە سۈرەتتىم خىيال.

    "كۈنلەرنىڭ بىرىدە بولسام مەشھۇر باي،

    جىمى خەق باققۇسى ماڭا خۇش جامال".

     

    دەرۋەقە باي بولدۇم، ھەددىدىن ئاشتىم

    كەيدىممەن ھەتتاكى ئېسىل بىر قالپاق.

    ئەمدىچۇ، قايتىمەن جىلىتكە بىلەن،

    پۇتۇمدا سەت كالاچ، كونا ھەم قاسماق...

     

    خېلى چوڭ بولغاچقا نامۇ- شۆھرىتىم،

    پۇر كەتتى موسكىۋا....پارىژ....خەقلەرگە.

    ۋە لېكىن نامىمنى ئاڭلىغان قورقتى،

    ئىشىنىپ پاسكىنا، مەينەت گەپلەرگە.

     

    سۆيگۈنى "قىزىق ئىش"، "لەززەت...." دەيدىكەن،

    لەۋلىرىڭ مىس كەبىي سۆيسەڭ نېمىشقا؟

    ھە، مېنىڭ پىشقانتى مېھرىم مېۋىسى،

    سېنىڭچۇ؟ بالدۇركەن چېچەك ئېچىشقا.

     

    بالدۇرراق تۇرىدۇ ئاھ ئۇراي دېسەم،

    يامانمۇ ئىش ئەمەس چېكىش دەرد- ھەسرەت!

    شىلدىرلار توختىماي تاغدا لويلىلار،

    زەپىران كۆرۈنەر چېچىمدىنمۇ بەك.

     

    مېنىڭمۇ قايتىدىن شۇ تاغقا چىقىپ،

    لويلىلار شىلدىرىن بەك ئاڭلىغۇم بار؛

    نامسىز چوڭقۇرلۇققا غەرق بولۇپ پېتىپ،

    غالجىر ئوي- خىيالغا چۆمەي، يارىيار.

     

    باشقا ئىش -- يېڭى ئىش ئويلىغانلىرىم،

    يەر- زېمىن، گۈل- گىياھ چۈشەنمەيدىغان.

    تىل بىلەن ئىزاھلاش بىمۇمكىن ئۇنى،

    ھېچكىمگە ئاڭلانماس--- يوشۇرۇن، پىنھان.

    قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 1984-يىلى نەشر قىلغان « خەزىنە گىرۋەكلىرى » دىن ئېلىندى. 

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.