مۈمكىنمۇ قورقۇنچاق بولۇپ ياشىماق

يوللىغۇچى : YusufAhmad يوللىغان ۋاقىت : 2009-05-30 18:43:00

مۈمكىنمۇ قورقۇنچاق بولۇپ ياشىماق ۋېياگون چانگون (تايلاند، 1946 ـ ) ئېسىمدە ھېلىمۇ بالىلىق چېغىم: تاياق يەپ ئۆيۈمگە يىغلاپ بارغىنىم. دەرد ئېيتسام ئانامغا، كۆڭلۈم ياسىماي، دېگىنى شۇنداق سۆز، تۇرۇ...

    مۈمكىنمۇ قورقۇنچاق بولۇپ ياشىماق
    ۋېياگون چانگون (تايلاند، 1946 ـ )



    ئېسىمدە ھېلىمۇ بالىلىق چېغىم:
    تاياق يەپ ئۆيۈمگە يىغلاپ بارغىنىم.
    دەرد ئېيتسام ئانامغا، كۆڭلۈم ياسىماي،
    دېگىنى شۇنداق سۆز، تۇرۇپ قالغىنىم:

    «بولدۇڭمۇ سەن شۇنچە قورقۇنچاق بالا:
    ناكامۇ قول ـ پۇتۇڭ، كەلمەمدۇ كارغا؟
    خەق سېنى ئۇرغاندا باش ئېگىپ تۇرساڭ،
    قالمامسەن ئاقىۋەت نومۇس ۋە ئارغا؟!»

     بۇ سۆزنى قەلبىمگە ئەيلىدىم مۆھۈر،
    كۆپ ئۇرۇش ـ جېدەلدە كۆرسەتتىم غەيرەت.
    ئۆگەندىم جانبارلىق، چېنىقتىم تالاي،
    ئويلىدىم: بۇ ماڭا مەڭگۈلۈك ئادەت.

     ۋە لېكىن يەتكەندە بۈگۈنكى كۈنگە،
    ئەۋجىدى تېخىمۇ بوزەك قىلىشلار.
    بىلدىمكى، ھاجىتى يوق باتۇرلۇقنىڭ،
    كىم قۇلاق يوپۇرماس، كۈنى تۇغۇلار!

    چىنلىقتىن ئۆزىنى قاچۇرار ھەممە،
    قارىماس ئەمادەك ئۆينىڭ سىرتىغا.
    يالغاندىن پاڭ بولار، سالمايدۇ قۇلاق،
    كۆڭلىدە نە سىر بار، تىنماس ئىنسانغا.

    باسسىمۇ جاھاننى ناھەقچىلىكلەر،
    يۈرۈشەر بىخارامان، يەتمەس يادىغا!
    «بولدۇڭمۇ سەن شۇنچە قورقۇنچاق بالا:
    ناكامۇ قول ـ پۇتۇڭ، كەلمەمدۇ كارغا؟
    خەق سېنى ئۇرغاندا باش ئېگىپ تۇرساڭ،
    قالمامسەن ئاقىۋەت نومۇس ۋە ئارغا؟!»

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق