ئۈمىد

يوللىغۇچى : yultuz920 يوللىغان ۋاقىت : 2014-03-01 19:24:19

غابدۇللا توقاي شېئىرلىرىدىن تاللانما

     
    ئۈمىد

    (غابدۇللا توقاي شېئىرلىرىدىن تاللانما)

     
    غابدۇللا توقاي (1886-1913)
    مۇساجان ئەزىزى تەرجىمىسى
     


     
    چىققىنە، پىكرىم قۇياشى، چىققىنە پات يۈز ئېچىپ،
    بۇ ئۆلۈك ۋىجداننى جانلاندۇرچۇ ئىللىق نۇر چېچىپ.
     
    مەن ئاداشتىم، توغرا يولغا سەن ئۆزۈڭ كۆندۈرمىسەڭ،
    يان-يېنىم ئىسيان ئوتى، سۆيۈنمەيدۇ، سەن سۆيۈندۈرمىسەڭ.
     
    مەن تېرەن ئازگالدىمەن، يوقتۇر نىجات، قۇتقۇزمىساڭ،
    تۇتقىدەك ھېچنەرسە يوق بۇندا، كېلىپ يىپ سالمىساڭ.
     
    ئەي مېنىڭ نۇر مەنبەيىم! شام بىلەن ئۆزۈڭ ھەر يەردە سەن،
    نە ئېمىش دۇنيا قۇياشى، سەن ئۆزۈڭ نۇر بەرمىسەڭ.
     
    ئاي يۈزۈڭنى، نۇرىدا تۇغسۇن گۈزەل كۈنلەر ماڭا،
    رەڭمۇ-رەڭ گۈللەر ئېچىلسۇن شۇ ئۈمىد باغىم ئارا.
     
    مەن تامام زۇلمەتتىمەن، ئۆتسۇن بۇ تاڭ ئاتماس كېچەم،
    يۇتقىنىم تاش، ئىچكىنىم ئاغۇ ئىكەن نان، سۇ دېسەم.
     
    تەكشى يەرغۇ دەپ قەدەم باسسام پۇتۇم كەتتى پېتىپ،
    پاقىنى قۇش دەپ تۇتۇپ، كەتتىم تالاي رەت سەسكىنىپ.
     
    كۆزگە ھېچنەرسە كۆرۈنمەس، قاپقاراڭغۇ ھەممە ياق،
    ئەركىلەتسەم دۈشمىنىمنى، دوستىمنى ئىتتىردىم يىراق.
     
    قىسقىىسى: جان، ياكى ۋىجدان قالمىدى، نۇر چاچمىساڭ،
    «ئەمدى نەگە بارارمەن؟» سەن كېلىپ يول ئاچمىساڭ.
     
    ياق، قۇياشىم ماڭا مەلۇم، پاتمىدىڭ مەڭگۈلۈك،
    بار ئىشەنچىم بىر تۇرار سەن، ياتمىدىڭ مەڭگۈلۈك.
     
    ياق، تۆۋەن قالمايدۇ بۇ جان ئەسلى ئالىي بولغان ئۇ،
    راست، پەقەت بۈركۈت كەبى تامغا تاساددىپى قونغان ئۇ.
     
    1908-يىلى
     
    مەنبە: «دۇنيا ئەدەبىياتى» 2013-يىللىق 4-سانىدىن
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.