سەن بۇ شېئىرنى ئوقۇۋاتقاندا

يوللىغۇچى : aypalta يوللىغان ۋاقىت : 2011-08-07 18:57:36

سەن بۇ شېئىرنى ئوقۇۋاتقاندائەخمەت سەلچۇك ئىلكان ( تۈركىيە)سەن بۇ شېئىرنى ئوقۇۋاتقاندامەن ئاللىقاچان بۇ شەھەردىن كەتكەن بولىمەن ئەمدى پىچاق يارىسىدەك سېغىنىشلىرىمنى...



     

    Sen Bu şiiri Okurken

    Ahmet Selçuk İlkan

    سەن بۇ شېئىرنى ئوقۇۋاتقاندا

     

    ئەخمەت سەلچۇك ئىلكان ( تۈركىيە)

     

    سەن بۇ شېئىرنى ئوقۇۋاتقاندا

    مەن ئاللىقاچان بۇ شەھەردىن كەتكەن بولىمەن

    ئەمدى پىچاق يارىسىدەك سېغىنىشلىرىمنى

    يېرىم كېچىدە قىلغان تېلېفوندىكى ئاۋازلىرىمنى

    بىچارە يۈرىكىمىنىڭ ئىسمىڭنى پىچىرلاپ سوقۇشلىرىنى

    خىيالى دۇنيارىڭدىكى قارىغا ئېلىش تاختىسى ــــ مېنى ئاڭلىيالمايسەن...

    سېنى ساڭا

    مېنى ساراڭلار دوختۇرخانىسىغا

    تاشلاپ قويۇپ كېتىمەن بۇ شەھەردىن.

     

    ئىشقىلىپ، ۋىسالىڭغا يېتەلمىدىم

    ئىشقىلىپ، ساڭا يېقىن كېلەلمىدىم

    نېچۈنكى پۈتۈن چىقماس كوچىلار ئادرېسىم بولدى

    ۋە نېچۈنكى پۈتۈن قىزىل چىراقلار مەن ئۈچۈن ياندى

    نېمە قىلغان بىلەن

    ساڭا بىر خىل يارىيالمىدىم

    ئەمدى ئادرېسسىز، چىراقسىز

    يالغۇز، يەككە-يىگانە...

    تۆنۈگۈنلىرىڭ قەدەر كونا

    ئازاپلىرىڭ قەدەر داتلاشقان مەن

    ئەمدى ھاياتىڭدىن چىقىۋاتىمەن

    سەن ئۈچۈن بەرىبىر، بىلىمەن

    بەلكى تەلەيلىك

    بەلكى ھازىداردۇرمەن

    بۇندىن تارتىپ ھەسرەت ئوۋلايمەن.

    سائىتىم يالغۇزلۇقنى

    كالېندارلار سەنسىزلىكنى كۆرسەتمەكتە ماڭا

    نە چارە، يولۇچى يولدا كېرەك

    بەلكى بۇندىن كېيىن

    بەلكى سەندىن كېيىن

    ئادەم بولار بۇ « ئاسى يۈرەك»

    ۋە ساۋاق ئالار بۇ سەۋدادىن

    ئىككىنچىلەپ بويىدىن چوڭ دېڭىزلارغا

    ئېسىلماس كۈرەك.

     

    ئەتە بۇ سائەتلەردە

    مەن يوللاردا بولىمەن

    سەن كىم بىلەر قانچىنچى ئۇيقۇڭدا

    رىۋايەتلەردەك كۆكۈش چۈشۈڭدە

    ۋە ئۇ قاراقچى يۈرىكىڭ بۇرۇنقىدەك

    يەنە قاپقان بېشىدا.

    ئەمدى

    تۇنجى قېتىم ئاۋازىمنى ئاڭلىيالمايسەن

    تاپا- تەنىلىرىم ئىگىسىز

    سۇئاللىرىم جاۋاپسىز قالىدۇ

    بەلكى تۇنجى قېتىم ئىچىڭنى غاجايدۇ يوقلۇقۇم

    ناتونۇش بىر قورقۇنچ ئىچىڭگە تولىدۇ

    ۋە تۇنجى قېتىم ئۆزۈڭ بىلەن ھېسابلىشىسەن

    نېمە بولدى؟

    نېمە بولىۋاتىدۇ؟

    نېمە بولماقچى؟

    ئاندىن

    بىر كۆزۈڭ كور

    بىر قۇلىقىڭ گاس

    بىر پۇتۇڭ توكۇر

    بىر قولۇڭ چولاق

    چۈشىسەن يوللارغا.

    يەنى، باشتىن ئاياغ يېرىم

    باشتىن ئاياغ چالا

    پۈتۈن تاملار ئۈستۈڭگە يىقىلىدۇ

    بەلكى تۇنجى قېتىم

    « ئۇنۇتۇلدۇم» دەپ ئىچىڭ ئېچىشىدۇ

    ۋە سەن بۇ شېئىرنى ئوقۇۋاتقاندا

    ئايرىلىشىمىز ئاللىقاچان باشلانغان بولىدۇ

    بەلكى ئاخىرقى تەسەللىرىڭ

    ساڭا يازغان بۇ « ئاخىرقى شېئىر» ىم بولىدۇ

    ۋە كىم بىلىدۇ

    ئۇنتۇلغان بىر كېچىنىڭ نەق ئوتتۇرىسىدا

    باش تەرىپىڭدىكى بىر رادىئودا

    ئۇيقۇسىز بىر شائىر يۈرىكىڭنى ئېزەر

    ۋە ئاخىرقى قېتىم پىچىرلار قۇلاقلىرىڭغا

    ساڭا ئاتالغان بۇ مىسرالارنى:

     

    « پۈتۈن شەھەرلەر ئۇخلار

    ئىستانبۇل ئۇخلىماس

    ۋە بىر كۈنى

    پۈتۈن سۆيگەنلەر ئۇنۇتار سېنى

    لېكىن بۇ ‹شائىر يۈرەك›

    ئەسلا ئۇنۇتماس...»

     

    تۈركچىدىن ئەنۋەر ھامىت( ئايپالتا) ئۇيغۇرچىلاشتۇردى.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.