قان بۇلقى

يوللىغۇچى : yalqunazizi يوللىغان ۋاقىت : 2008-08-26 20:14:00

قان بۇلىقىبودلېرتىلماچ : پەرھات تۇرسۇنقان بۇلىقى سىزىمەن گاھ ئۆزۈمدە،ئاقماقتىدۇرنۇرغۇن قان ، گويا بۇلاق سۈيىنىڭ ئېسەدىشى رېتىمى .تىڭشاپ قاننىڭ شاقىراپ ئۇزاق ئېقىشلرىنى،تاپالمايمەن سىلاپمۇ ھ...

    قان بۇلىقى
    بودلېر

     

     تىلماچ : پەرھات تۇرسۇن
        
    قان بۇلىقى سىزىمەن گاھ ئۆزۈمدە،
     ئاقماقتىدۇرنۇرغۇن قان ، گويا بۇلاق سۈيىنىڭ ئېسەدىشى رېتىمى .
     تىڭشاپ قاننىڭ شاقىراپ ئۇزاق ئېقىشلرىنى،
     تاپالمايمەن سىلاپمۇ ھىچ بىر يارائېغىزى .

     

    ئېقىپ ئۆتەر شەھەردىن ، ئۆتكەنسمان جەڭگاھتىن ،
     يوللار دېڭىز ، ئارالغا ئايلىندۇ ئۇششاق تاش .
     نەملەر بارچە نەرسىنىڭ چاڭقاپ كەتكەن بوغۇزىن ،
     بويىلىدۇ تەبىئەت قىزىل رەڭگە بىر تۇتاش .

     

    مەسىت قىلغۇچى شاراپتىن تىلەپ دائىم نىجادلىق،
    يوقات دەيمەن قىينىغان ۋەھىمنى ئۇ بىراق -
     سەگەكلىتىپ قۇلاقنى، يورۇتىدۇ كۆزۈمنى.
     كۈتسەم ئۇيقۇ سۆيگۈدىن ، ئۇنتۇش ئۈچۈن ئازابنى
    بىراق سۆيگۈ نەشتەردەك تېشىپ كىرىپ تېنىمنى
     شوراتقۇزدى پاھىشە ئاياللارغا قېنىمنى.


     مەنبە : ئىشچىلار ۋاقىت گېزتى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.