ۋېلادىمىر نابۇكوف: ۋەتەن

يوللىغۇچى : zakirjanmejid يوللىغان ۋاقىت : 2011-05-07 11:58:45

ۋەتەنۋېلادىمىر نابۇكوفزاكىرجان ئابدۇلمەجىد سىددىقى تەرجىمىسىئەۋلاتتىن ئەۋلاتقا روسىيەنى بىز،ئۆكسىمەس بەخت دەپ كەلدۇق ئاتىشىپ.كۆرمىدىم ئۇنىڭدەك دىيارنى گۈزەل،قانچىلاپ ئەل‏-يۇرتنى باقساممۇ ك...



    ۋەتەن 

    ۋېلادىمىر نابۇكوف 

    زاكىرجان ئابدۇلمەجىد سىددىقى تەرجىمىسى

     

    ئەۋلاتتىن ئەۋلاتقا روسىيەنى بىز،

    ئۆكسىمەس بەخت دەپ كەلدۇق ئاتىشىپ.

    كۆرمىدىم ئۇنىڭدەك دىيارنى گۈزەل،

    قانچىلاپ ئەل‏-يۇرتنى باقساممۇ كېزىپ.

     

    مەيلى يول تۇتاشسۇن قاياققا، ھامان-

    خىيالەن قايتىمەن روس تۇپرىقىغا .

    يات زېمىن، سەندە قاي جەلپكارلىق بار؟

    سۈرگۈنمەن، زەھەرلىك نەشتىرىڭ قايدا؟

     

     

    تىلاۋەت قىلىمىز، تىلاۋىتىمىز-

    دىللارنى ئازادە قىلىدۇ تۈندە.

    روسىيە مۇسسىيسەن ئەبەدىلئەبەت،

    كۆرۈنمەس ھەمراھىم بولغان سەپەردە.

     

    ئەي ۋەتەن، بىپايان ئورمان كۈيۈڭگە،

    <<ھەشقاللا! >>ئېيتىمىز چىن قەلبىمىزدە.

    ئورمان چۈن قوزغالغان ھىجران كۈيلىرى

    ئورمان چۈن توقۇلغان شېئىر- قەسىدە.

     

    يات ئەلدە ئۇشتۇمتۇت باستىممەن ئاياق،

    سۇرگۈننىڭ چۈشىگە تىنچ- خاتىرجەم.

    روسىيە ھەمىشە ئورايسەن مېنى-

    شامالدەك،دېڭىزدەك،تىلسىماتتەك ھەم.  

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.