رەزىللىك گۈللىرى

يوللىغۇچى : zakirjanmejid يوللىغان ۋاقىت : 2011-04-23 21:43:05

رەزىللىك گۈللىرى چارلىز بودلېر زاكىرجانئابدۇلمەجىد سىددىقى تەرجىمىسى چارلىز بۇدىلېر(Charles Baudelair) (1821-1867) فرانسىيىنىڭ 19- ئەسىردىكى مەشھۇر شائىرى بۈيۈك ئوبزورچىسى. شۇنداقلا، فىرانسىيە مودېرنىزم شېئى...

    رەزىللىك گۈللىرى

    چارلىز بودلېر


    زاكىرجان ئابدۇلمەجىد سىددىقى تەرجىمىسى


    چارلىز بۇدىلېر(Charles Baudelair) (1821-1867) فرانسىيىنىڭ 19- ئەسىردىكى   مەشھۇر شائىرى بۈيۈك ئوبزورچىسى. شۇنداقلا، فىرانسىيە مودېرنىزم شېئىرىيىتىنىڭ بەرپاچىسى. ئۇنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك ئەسىرى«رەزىللىك گۈللىرى»(1857-يىلى نەشىر قىلىنغان)بولۇپ، ئۇ باشقا شائىرلاردىن پەرقلىق ھالدا رەزىللىكنى ئىستېتىكا ئوبېيكتى قىلىپ تاللىغان. ئەلۋەتتە، بۇمۇ شائىرنىڭ تاللاش ھوقۇقى،خالاس.    بىراق، بۇ شېئىرلار توپلىمىنىڭ نەشىر قىلىنىشى بىلەن ئۇنىڭ يۈز- ئابرويى بىراقلا تۆكۈلۈپ كەتكەن ۋە «شەھۋانىي»، «ئەخلەت»، «ئەخلاققا يات» «نادورۇس»دېگەن بەتنام بىلەن بودىلېر قارشىلىققا ئۇچراپ، چەكلەنگەن...  



    بەربادلىق

    توختىماستىن يانلىرىمدا قۇترايدۇ ئىبلىس،
    تۇتالمايمەن ھاۋا كەبى لاغايلار تىنماي.
    سۈمۈرگەندە ئۇنى كۆكسۈم كۆيەر پىژىلداپ،
    مەڭگۈلۈك بىر جىنايەتتىن ساقىت بولالماي.

    گاھىدا ئۇ بىر جەلىپكار نازىنىن سىياق،
    بىلەمدىكىن يا سەنئەتكە خۇمارلىقىمنى،
    ساختا-يالغان ساخاۋەتچى كەبى قۇرۇق سۆز-
    گەپلەر بىلەن ۋەسىۋەسىگە سالىدۇ مېنى.

    شۇ تەرىقتە يىراقلىتىپ تەڭرى كۆزىدىن،
    قاغجىرىتىپ، زارىقتۇرۇپ، تالدۇرۇپ مېنى،
    ئېلىپ مېڭىپ بىر بىمەنە سوغوق دالىدىن،

    تاشلار ئاندىن پاراكەندە قارچۇقلىرىمغا،
    ۋەيران قىلغۇچ قانلىق قۇرال ۋە ئاڭا قوشۇپ،
    مەينەت كېيىم، شەلۋەرلىگەن جاراھەت- يارا.


    ئاينىڭ ھەسرىتى

    بۈگۈن كېچە، چەكسىز ھارغىن چۈش قوينىدا ئاي،
    نازىنىندەك قات-قات كۆرپە ئۈستىدە ياتقان،
    ئۇخلىيالماي، پەرۋاسىزلا سوزۇپ قولىنى،
    سىيلار يېنىك ئەمچىكىنى-كۆكسىنى تولغان.

    ئاي مەجنۇنلۇق ئىچرە مەستخۇش ياتار تاشلىنىپ،
    قاردەك يۇمشاق. سىيلىق كۆرپە ئۈستىدە سۇلغۇن.
    نەزىرىدە خۇددى بەس-بەس بىلەن ئېچىلغان
    گۈللەر كەبىزاھىر كۆكتە يورۇق بىر ئالۋۇن.

    دىل پەرىشان بوپ گاھىدا ئاي يەر شارىغا،
    تۆككىنىدە جىممىدە بىر تامچە يېشىنى،
    ئۇخلىيالماي بىر ئىخلاسمەن شائىر زادىلا،

    تۇتۇۋېلىپ دەرھال ئۇچۇم-ئالقانلىرىدا
    يوشۇرار ھەم سۈتتەك ئاپئاق بۇ كۆز يېشىنى
    قۇياشقا ئەڭ يىراق يەردە چاناقلىرىغا.


    كۈز

    بۇلاقلاردەك سۆزۈك كۆزۈڭ سورايدۇ مەندىن:
    -ئەي غەلىتەدوستۇم، ساڭا بار نە قىممىتىم؟
    خۇش بول ساددا مەخلۇقلاردەك، ئۈن چىقارما ھەم
    نەپرەتلىنەر بارچىگە بۇ مېنىڭ يۈرىكىم.

    ئۇيقۇغا غەرق قىلىپ مېنى تەۋرەتكەن ئايال،
    ئېيتماي ساڭا ئۇنىڭ دەھشەت ساداقىتىنى
    ۋە قاراڭغۇ سىرلىرىنى گۈلخاندا يازغان،
    ھاياجانغا ئۆچ مەن، روھىم ئازاپلار سېنى.

    سۈيۈشەيلى بىغەم گوبىد ئىلاھە سەن، مەن
    پوستا تۇرۇپ، تارتىپ تەلەي كېرىچلىرىنى.
    ئۇ قەدىمدە تۇتقان ياراق نېمە؟ بىلىمەن:

    قەبىھ، ياۋۇز، تەلۋىلىك! ئىھ، تاتارغان سەبدەم
    سەن، مەن كۈزنىڭ قوياشىدەك پاتمايلى كېيىن،
    ئىھ، شۇقەدەر سۈزۈك ۋە سوغ مارگېرىت بىكەم.


    گۈزەللىك

    مەن تاشنىڭ چۈشىدەك گۈزەل، ئى ئىنسان!
    كۆز ئۈزمەس شائىرلار كۆكسۈمدىن ئېنىق،
    ئۇ-تىلسىز، ئەبەدىي ماددىدەك ئىشق،
    قاي شائىر يولۇقسا شۇ داغدا ھامان.

    مەن كۆكتە، شىر تەنلىك يالماۋۇز سىياق؛
    قاردىن ئاق، بىغۇبار مامۇقتەك دىلىم؛
    بولسۇن نە مەقسەدنى بۇزۇشقا رايىم،
    نە يىغا، نە كۈلكە بىلمىسەم ھېچۋاق.

    مەن گويا ئەڭ ھەيۋەت ھەيكەل، لاي بۇدتىن
    ئارىيەت ئالغاندەك سالاپەت- تۈسنى،
    شائىرلار سۆز ياساپ مەھرۇم تىنىقتىن؛

    بۇ رايىش ئاشىقلار ئەركسىز، چۈنكى
    ئۇز قىلار بارچىنى سۈزۈك ئەينىكىم:
    كۆزلىرىم، مەڭگۈ نۇر چاقنار كۆزلىرىم!


    يالاڭتۆشنىڭ ئۆلۈمى

    تەسەللىيدۇر ئۆلۈم، ھەي! ياشاتقۇزار ئادەمنى،
    مەقسەد، يەنە بىردىنبىر ئۈمۈد بولۇپ ھاياتتا.
    شاراپتەكلا مەست قىلىپ، كەيپى تۇتۇپ سىز-بىزنى
    زاۋالغىچە ئۇدۇللاپ ماڭ، دەپ قىلار كۈچ ئاتا.

    قاردىن ئۆتكەن، ئۆتكەن ھەم قىرو، قاتتىق يامغۇردىن
    ئۇ- زۇلمەتلىك پەلەكنىڭ گەردىشىدە كۈلگەن نۇر.
    ئۇ- دەل مەشھۇر تېنىشكى، كىتاپلاردا پۈتۈلگەن،
    ئۇخلاپ، قورساق تويغۇزۇش ۋە ئولتۇرۇپ قوپۇشتۇر.

    ئۇ- پەرىشتە، ساخاۋەت ئالقىنىدا ئويقۇنى
    تۇتۇپ تۇرغان، ئىلتىپات ئۈچۈن سۇنۇپ يوق چۈشنى
    تۈزەشتۈرگەن تۆشەكنى يالاڭ تۆشكە-نامراتقا.

    بۇ مۇقەددەس شان-شەرەپ. سىرلىق ئاشلىق قازنىقى
    بۇ نامراتنىڭ ھەميېنى، قەدىمىي يۇرت- تۇپرىقى
    بۇ ناتونۇش ساماۋى ئەلگە تۇتاش  دەرۋازا.

    ئادەم ۋە دېڭىز

    ھۆرزادەم مەڭگۈگە سۆيگىن دېڭىزنى،
    دېڭىزدۇر ئەينىكىڭ؛ جېنىڭغا سېنىڭ
    بىپايان ئوكياندا كۆز تىكىپ تۇرغان،
    ئەگىشەر يوشۇرۇن ھەسرەتكە روھىڭ.

    سەن سايە قوينىغا كىرىسەن خۇشال،
    كۆزۈڭ ۋە قوللىرىڭ قۇچاقلار ئۇنى.
    بېسىقماس رەنجىشلەر ئىلكىدە قەلبىڭ،
    تۇرار ئاھ سۈپۈرۈپ غەشلىكلىرىنى.

    ئۆز ئارا يوشۇرۇن بولسىلەر پەخەس،
    ئى ئادەم قەلبىڭگە كىم باستى ئاياق؛
    ئاھ دېڭىز كىمدۇر ئۇ بىلگەن باتىنىڭ،
    كۆمۈشۈپ كۆڭۈلگە سىرنى مۇشۇنداق.

    بىراقكى، قانچىلاپ ئەسىرلەر بىرى،
    نە تۆبە، سىلەردە ئۇرۇش، دە- تالاش.
    قىرىش ۋە ئۆلۈمنى سۆيەرمۇ شۇنداق،
    ئاھ نوچى! ئاھ، ئۇدا-ئۆچمەن قېرىنداش.
    ______________________________________
    بۇ شېئىرلاردىن «گۈزەللىك» ۋە «يالاڭتۆشنىڭ ئۆلۈمى»، چۇڭچىڭ نەشرىياتى 1983-يىلى نەشر قىلغان«مەشھۇر چەتئەل شائىرلىرىنىڭ شېئىرلىرىدىن تاللانما» ناملىق توپلامدىن تەرجىمە قىلىندى. قالغانلىرى ئىلگىرى توردىن چۈشۈرۈلگەن خەنزۇچە مەنبەگە ئاساسەن تەرجىمە قىلىنىپ توردا ئېلان قىلىنىپ بولغانىدى. 

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.