مىستىرالنىڭ ئەڭ داڭلىق شېئىرى-ئۆلۈم سونېتلىرى

يوللىغۇچى : YultuzAy يوللىغان ۋاقىت : 2009-02-18 12:46:00

مىستىرالنىڭ ئەڭ داڭلىق شېئىرى-ئۆلۈم سونېتلىرى پەرھات ئىلىياس تەرجىمىسى زۇلمەتلىك قەبرىگە دەپنە قىلىنساڭ، مەن سېنى ئېپچىقاي قۇياشلىق يەرگە. بىر كۈنى مەنمۇ ھەم يېنىڭغا تەيىن، بوپ يەنە ياستۇقد...

    مىستىرالنىڭ ئەڭ داڭلىق شېئىرى-ئۆلۈم سونېتلىرى
       پەرھات ئىلىياس تەرجىمىسى

     زۇلمەتلىك قەبرىگە دەپنە قىلىنساڭ،
    مەن سېنى ئېپچىقاي قۇياشلىق يەرگە.
    بىر كۈنى مەنمۇ ھەم يېنىڭغا تەيىن،
    بوپ يەنە ياستۇقداش، ياشايمىز بىرگە.

     مەن سېنى ئېپچىقاي قۇياشلىق يەرگە.
    بالىغا ئىچكۆيەر ئاقدىل ئانىدەك،
    تۇپراقلار تاشلانسا غۇبارسىز تەنگە،
    ئەللەيلەر ئانا يەر-مامۇق پەر تۆشەك.

     سېپىمەن ئۈستۈڭگە ئەتىرگۈل بەرگى،
    سېزىمسىز تېنىڭگە چۈشمىسىكەن دەپ،
    ماناندىن شۇڭغىغان كۆكۈچ ئاي نۇرى.
    ياشايمەن ياڭرىتىپ ساداقەت كۈيى،
    يانىمەن رەشىكتە ، كېلەرمىدۇ دەپ،

     قايسى بىر ھۆرلىقا سېنى كۆرگىلى.
    2 ئازاپلار قىنىدىن تاشقاندا ئېقىن،
    قىلىدۇ مۇراجەت روھىمغا جىسمىم:
    راھەتكە قۇل بولۇپ كېتىۋەرمىگەن،

     شۇ گۈلگۈن يوللاردا ئالماي ھىچ تېنىم
    ... سەزگەنسەن تىكلەندى يېڭى بىر قەبر
    ە ياتىدۇ يېنىڭدا ناتونۇش ئايال.
    ئۇزىتار مېنىمۇ بىر كۈنى يەرگە

     ئاشۇ چاغ ئارمانلار تاپىدۇ ۋىسال.
    يېتىمەن تەكتىگە نىگارىم شۇ تاپ،
    ياتساڭمۇ يىل بويى قاراڭغۇ گۆردە.
    ۋۇجۇدۇڭ نە ئۈچۈن بولمىدى بىتاپ

     كىم ئەھلى ساداقەت، كىملەر بىۋاپا ،
    يۇلتۇزلار بىزلەرگە بولار سودىيە.
    3 ياش ئىدىڭ غۇبارسىز نىلۇفەردەك پاك،
    قايسى كۈن يۇلتۇزۇڭ ساقىغان چېغى.

    شاد ئىدىڭ جىسمىڭدىن ئۇرغۇيتتى ئىدراك،
    ئۇرۇلدى كۆكسۈڭگە ئۆلۈمنىڭ تىغى.
    ئۇ كەتتى ئېيتقىنا ئېيتقىنا خۇدا،
    نۇرانە قەلبىنى سەن كەل چۈشەنگىن،

    رەھىمسىز ئەجەلدىن قايتۇر ئۇنى-يا،
    شىرىن چۈش قوينىغا غەرق ئەيلىگىن.
    ئۇپقۇنلار ھاياتىن ئەيلىدى غەرق،
    ياشلىقى تېخى ئۇرماستىن بەرىق،

    ھاياتى تۈگىدى، سۇندى قانات پەر
    ... مۇھەببەت كۆيۈمى يوق دەمسەن مېنى
    ؟ شاھىتسەن ئىلاھىم ..ئۆزۈڭ جاۋاپ بەر!

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق