كاشتان (د. ماكسىموۋىچ شېئىرى)

يوللىغۇچى : YusufAhmad يوللىغان ۋاقىت : 2009-05-25 22:53:00

د. ماكسىموۋىچ (يوگۇسلاۋىيە، 1898 ـــ ) كاشتان بولدى، كەلمە قېشىمغا مېنىڭ! يىراقلاردىن ئەسلەي مەن سېنى، ئەسلەپ ئوتلۇق قاراقلىرىڭنى. پەقەت كۈتۈش ـ يوشۇرۇش سۆيۈش مۇھەببەتنىڭ ئەڭ گۈزەل چېغى. بولدى، ...

    د. ماكسىموۋىچ
    (يوگۇسلاۋىيە، 1898 ـــ )

    كاشتان بولدى، كەلمە قېشىمغا مېنىڭ!
    يىراقلاردىن ئەسلەي مەن سېنى،
    ئەسلەپ ئوتلۇق قاراقلىرىڭنى.
    پەقەت كۈتۈش ـ يوشۇرۇش
    سۆيۈش مۇھەببەتنىڭ ئەڭ گۈزەل چېغى.

     بولدى، كەلمە قېشىمغا مېنىڭ!
    شېرىن كاشتان، كۈتۈش، تەمتىرەش مەست قىلىدۇ مېنى تېخىمۇ.
    دۇنيادىكى بار ئىنتىلىشلەر، ھەممە ـ ھەممە خىرە قىياسلار
    تۇيۇلىدۇ تېخىمۇ ئۇز، تېخىمۇ ئىزگۈ.

    بولدى، كەلمە قېشىمغا مېنىڭ!
    ھاجىتى يوق، كەلمىگىن كەلمە.
    لال قىلىدۇ مېنى پەقەتلا
    يىراقلاردىن كۆرۈنگەن ھەممە.

    كۆرۈنىدۇ يىراق نەرسىلا
    يۇلتۇز كەبى يارقىن ـ نۇرانە.
    بولدى، كەلمە، خۇما كۆزلىرىڭ
    تىكىلمىسۇن مېنىڭ تېنىمگە!

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق