پۇشكىن شېئىرلىرى

يوللىغۇچى : metu يوللىغان ۋاقىت : 2007-12-08 12:52:00

قىش ئاخشىمىئا. س . پۇشكىنقۇربان بارات تەرجىمىسى بوران، قارلىق قۇيۇن ئاسماننىتۇمان كەبى قاپلايدۇ پۈتۈن.دەم ھايۋاندەك ھۆركىرەپ ئۆتەر.دەم بۇۋاقتەك يىغلاڭغۇ بىر ئۈن. دەم گۆركىرەپ كونا ئۆگزىدىن،شار...

       قىش ئاخشىمى
     ئا. س . پۇشكىن
    قۇربان بارات تەرجىمىسى

     بوران، قارلىق قۇيۇن ئاسماننى
    تۇمان كەبى قاپلايدۇ پۈتۈن.
    دەم ھايۋاندەك ھۆركىرەپ ئۆتەر.
    دەم بۇۋاقتەك يىغلاڭغۇ بىر ئۈن.

    دەم گۆركىرەپ كونا ئۆگزىدىن،
    شاراقشىتىپ تارتىدۇ پاخال.
    دەم كەچ قالغان يولۇچى كەبى
    دېرىزىنى قاقىدۇ دەرھال.

    كىچىككىنە كونا ئۆيىمىز،
    ھەم زۇلمەتتە ھەم سۇغۇق،غەمكىن،
    دېرىزىنىڭ ئالدىدا مۇما،
    تۇرۇپسەنغۇ ئۈنسىز ۋە تەمكىن؟


    چارچىتىشى تىنماس بۇراننىڭ،
    كەلتۈردىمۇ سېنى بۇ ھالغا؟
    غىچىلدىشى ياكى چاقىنىڭ
    سېلىپ قويدى سېنى خىيالغا؟

    كەل ئىچەيلى قەدىردان مۇما،
    ياشلىقىمنىڭ دوستى پاناھى.
    قەدەھ قېنى ئىچەيلى بىللە،
    تاراپ كەتسۇن يۈرەكنىڭ ئاھى.

    كۈيلەپ بەرگىن ماڭا تاغ قۇشى،
    ياشار قانداق دېڭىز كەينىدە؟
    كۈيلەپ بەرگىن جانان قىز قانداق
    سۇغا كېلەر سەھەر پەيتىدە؟

    بوران قارلىق قۇيۇن ئاسماننى،
    تۇمان كەبى قاپلايدۇ پۈتۈن.
    دەم ھايۋاندەك ھۆركىرەپ ئۆتەر،
    دەم بۇۋاقتەك يىغلاڭغۇ بىر ئۈن.

    كەل ئىچەيلى مېھرىبان مۇما،
    ياشلىقىمنىڭ دوستى پاناھى.
    قەدەھ قېنى؟ ئىچەيلى بىللە
    تاراپ كەتسۇن يۈرەكنىڭ ئاھى.
    -------------------------------------------------------

    مەن سېنى سۆيەتتىم، سۆيەتتىم ئەمما...

     مەن سېنى سۆيەتتىم،سۆيەتتىم ئەمما،
    ئاشىقلىق قەلبىمنى قىلمايتتىم ئىزھار.
    مەن ئۇنىڭ دەردىنى تارتاتتىم تەنھا،
    ئالدىڭدا تەن ئالغۇم كەلمەيتتى زىنھار....

    مەن سېنى سۆيەتتىم ئۈنسىز، ئۈمىتسىز،
    گاھىدا تارتىنىپ، گاھى قىزغىنىپ.
    خالىسا ئەمدى كىم سۆيسۇن مەن كەبى،
    سەمىمىي يۈرەكتىن چەكسىز ئىنتىلىپ

    --------------------------------------------

    گۈل  (پۇشكىن)

     كىتابنى ئاچتىم-دە چۈشتى نەزىرىم،
    ئۇنتۇلغان پۇراقسىز، قۇرىغان گۈلگە.
    پەرىشان تەلمۈرۈپ قالدىم بۇ پەيىتتە،
    غەلىتە خىياللار تولدى كۆڭۈلگە.

     

     كىم ئۈزگەن گۈلدۈر بۇ، بولغانمۇ ئۇزاق،
    ئىچىلغان قەيەردە، قايسى باھاردا.
    ئۈزگەن قول تونۇشمۇ ياكى ناتونۇش،
    نىمىشقا قويدىكى ئۇنى بۇ جايدا.

     

    ئۇ ئىللىق ۋىسالنىڭ خاتىرىسىمۇ،
    ياكى يادىكار سوغۇق ھېجراننىڭ؟
    يا جىمجىت سەھرادا بولغان بىر سەيلە،
    ياكى ئەستىلىگى سوغۇق ئورماننىڭ.

     

    ھىلىمۇ تىرىكمۇ يىگىت بىلەن قىز،
    ماكانى بارمىدۇ ياشاپ يۈرگىدەك.
    شۇ پەيىتتە قەيەردە ياكى سۇلدىمۇ،
    مانا شۇ بەرگىسىز قورۇلغان گۈلدەك؟!!

    -------------------------------

                   قارا شال
       ئۆزبىكچىدىن ھاجى ئەخمەت تەرجىمە قىلغان

    قارا شالغا مەجنونانە باقىمەن،
    سۇنۇق دىلنى غەم ئوتىغا ياقىمەن..
    يىگىت چېغىم مۇھەببەتتە كۆيگەنتىم،
    ياش ۋە گۈزەل گىرىك قىزنى سۆيگەنتىم.

    ساھىبجامال ئەركىلەيتتى ھەرزامان،
    كەلدى بىراق قارا كۈنۈم بى ئارمان.
    بىركۈن دىلكەش مېھمانلىرىم بار ئىدى،
    ئىشىكىمنى يىرگەنچ قاقتى يەھۇدى
    پىچىرلىدى قۇلىقىمغا:
    <<زىياپەت- پەيتى يارىڭ قىلدى ساڭا خىيانەت>>!
    قۇلىغا مەن ئالتۇن بەردىم تىللىدىم،
    شۇئان سادىق نەۋكىرىمنى چىللىدىم.
    يولغا چىقتۇق شامال كەبى ئۇچتى ئات،
    رەھىمدىللىك ئىدى شۇچاغ ماڭا يات.
    گىرىك قىزنىڭ قوراسىغا يەتكەندە،
    كۆزۈم تىندى مادار،تاقەت كەتكەندە.
    يىراق خىلۋەت ئۆيگە كىردىم مەن تەنھا،
    ئەرمەن يىگىت قۇچىقىدا بىۋاپا...
    قارا باستى: سادا بەردى خەنجىرىم،
    سۆيۈش يەتمەي ئۇ رەقىبىم بولدى جىم.
    باشسىز تەننى چەيلىۋەتتىم بى ئارمان،
    رەڭگىم ئۆچۈپ، باقتىم ھەمدە قىز تامان.
    ھېلى ئەستە يالۋۇرۇشلار ..ئاققان قان،
    ئۆلدى قىز ھەم،پۈتتى سۆيگۈ ئۆرتەپ جان.
    ئۆلۈك باشتىن قارا شالنى تارتتىممەن،
    خەنجەردىكى قاننى ئاڭا سۈرتتىممەن.
    پەردىسىنى يايغاندا تۈن دۇنياغا،
    موردىلارنى تاشلىۋەتتىم دەرياغا.
    شۇندىن بېرى ئۇنداق جىزنى كۆرمىدىم،
    ھېچ بىركېچە خوشلۇق پەيزىن سۈرمىدىم.
    قارا شالغا مەجنونانە باقىمەن،
    سۇنۇق دىلنى غەم ئوتىغا ياقىمەن.


     -------------------- شەپقەتنىڭ يوللانىمىسدىن ساقلىۋالغان نۇسخىسىغا ئاساسەن تەييارلاندى . شەپقەتكە رەخمەت .

     

    [Enqa تەستىقلىدى . 2010-4-8 19:19:05]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.