دەس تۇرىمەن

يوللىغۇچى : aypalta يوللىغان ۋاقىت : 2011-07-06 02:02:09

Still I RiseMaya Angelouدەس تۇرىمەنمايا ئانگېلو (ئامېرىكا)مېنى تارىخقا يېزىپ قوي، مەيلىزەھەرخەندە، بۇرمىلانغان يالغانلار بىلەن،خالىساڭ نامىمنى بۇلغىۋەت راساچاڭ – توزاندەك،ئورنۇمدىن يەنە تۇرىمەن.قوپا...

     

    Still I Rise

     

    Maya Angelou

     

    دەس تۇرىمەن

     

    مايا ئانگېلو (ئامېرىكا)

     

    مېنى تارىخقا يېزىپ قوي، مەيلى

    زەھەرخەندە، بۇرمىلانغان يالغانلار بىلەن،

    خالىساڭ نامىمنى بۇلغىۋەت راساچاڭ – توزاندەك،

    ئورنۇمدىن يەنە تۇرىمەن.

     

    قوپاللىقىم سېنى ئارامسىز قىلدىمۇ؟

    نېمگە سولىشىپ سالپىيىپ قالدىڭ؟
    چۈنكى، مېھمانخانا ئۆيۈمدە ئېتىلىپ چىقىۋاتقان

    نېفىت قۇدۇقلىرىم باردەك مېڭىپ كېتىمەن.

     

    ئايلارغا ئوخشاش، قۇياشلارغا ئوخشاش،

    ۋاقىتنىڭ مۇقەررەرلىكى بىلەن،

    بۇلاقتەك ئېتىلىپ چىقىۋاتقان ئۈمدلەردەك،

    ئورنۇمدىن يەنە تۇرىمەن.

     

    مېنى خانىۋەيران ھالدا كۆرگۈڭ بارمىدى؟

    ئېگىلگەن بېشىم، تەسلىم بولغان كۆزلىرىم بىلەن؟

    كۆز- ياشلىرىدەك ساقىغان مۈرىلىرىم بىلەن.

    پىغانلىق يىغىلار ئاجىزلاتقان نىمجانىم بىلەن.

     

    زاتى ئېسىللىقىم نېرۋاڭغا تەگدىمۇ؟

    كۆڭلۈڭگە ئۇنچىۋىلا ئېلىپمۇ كەتمە

    چۈنكى مەن ئارقا ھويلامدىن

    ئالتۇن كان قېزىۋالغاندەك كۈلۈپ يۈرىمەن.

     

    مېنى سۆزلىرىڭ بىلەن ئوققا تۇت مەيلى،

    كۆزلىرىڭ بىلەن چانىۋەت مەيلى،

    ئۆچلۈكۈڭ بىلەن ئۆلتۈرگىن مەيلى،

    ھاۋادەك، ئورنۇمدىن يەنە تۇرىمەن.

     

    ناز- كەرەشمەم ئارامىڭنى قويمىدىمۇ؟

    ئىككى يوتام ئۇچراشقان جايدا،

    خۇددى ئالماسلىرىم باردەك،

    ئۇسسۇل ئويناشلىرىم سېنى تاڭ قالدۇردىمۇ؟

     

     

    تارىخنىڭ نۇمۇسلۇق كەپىلىرىدىن چىقىپ

    دەس تۇرىمەن

    ئازاپقا يىلتىز تارتقان ئۆتمۈشىمدىن

    دەس تۇرىمەن

    قارا دېڭىزمەن، ئوخچىغان ھەم بىپايان،

    كۈۋەجەيمەن، زورىيىمەن، ۋايىم يىمەيمەن.

    ۋەھىمىلىك كېچىلەرنى ئارقامغا تاشلاپ

    دەس تۇرىمەن

    ئالەمنى تاڭ قالدۇرۇپ ئاتىدىغان شۇ تاڭدا

    دەس تۇرىمەن

    ئەجداتلىرىمنىڭ تەۋەرۈكىنى كۆتۈرۈپ چىقىمەن.

    مەن قۇللارنىڭ ئۈمىدى ۋە چۈشىمەن.

    دەس تۇرىمەن

    دەس تۇرىمەن

    دەس تۇرىمەن.

     

     

    ئىنگلىزچىدىن ئايپالتا تەرجىمە قىلدى.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.