مېنى لەۋلىرىڭ ئارىسىغا كېپەنسىز كۆم...

يوللىغۇچى : aypalta يوللىغان ۋاقىت : 2011-07-23 03:15:27

İki Dudağın Arasına Kefensiz Göm Beniİsmail Sarıgeneئىككى لېۋىڭ ئارىسىغا كېپەنسىز كۆم مېنىئىسمايىل سارىگەنە(تۈركىيە)ئاڭلىدىمكى؛ئۇنۇتماق ئىستەپسەن ئىسمىمنى،كۆيدۈرمەك ئىستەپسەن خاتىرەلىرىمنى.نېمىمۇ دېيەلەيتىم...



     

    İki Dudağın Arasına Kefensiz Göm Beni

    İsmail Sarıgene

     

    ئىككى لېۋىڭ ئارىسىغا كېپەنسىز كۆم مېنى

     

    ئىسمايىل سارىگەنە(تۈركىيە)

     

    ئاڭلىدىمكى؛

    ئۇنۇتماق ئىستەپسەن ئىسمىمنى،

    كۆيدۈرمەك ئىستەپسەن خاتىرەلىرىمنى.

    نېمىمۇ دېيەلەيتىم ،

    مەن سېنىڭ گۇناھلىرىڭغا كېپىل بولغاندىكىن

    سەن باشتا ئىسمىمنى ئۇنتۇشتىن باشلا

    ۋە ئاندىن خاتىرەلىرىمنى كۆيدۈرۈش بىلەن داۋام قىل.

    يېتەركى سەن ئۇنۇت مېنى...

    تاغ بولۇپ چىداپ كېتىمەن يالغۇزلۇقىڭغا،

    تۇپراق بولۇپ كۆنۈپ كېتىمەن يوقلۇقىڭغا...

    ئۇنۇتقىنىڭنى بىلسەممۇ،

    يەنە مەن كېپەن بولىمەن ئازاپلىرىڭغا...

    بول، ئۆچۈر ئىسمىمنى لەۋلىرىڭدىن...

    ئاندىن كېيىن،

    پېقىر يۈرىكىمنى تا-ئەبەدكە چىقار ھاياتىڭدىن...

     

    يوللىرىڭدا چاڭ-توزان

    لەۋلىرىڭدە ۋەدە بار چېغىدا...

    كېتىۋال...

    ساڭا بېرەلەيدىغان بىرلا نەرسەم بار ئىدى؛

    ياماق چۈشكەن يۈرەك...

    جېنىمنى جېنىڭدىن سۆكۈپلا كەت...

    ئەنسېرىمە،

    كۆزلىرىمدە قانىسىمۇ ئىسمىڭ،

    يۈرىكىمدە يەنە ساڭا يىغلايمەن.

    سەن ئىستىمىسەڭمۇ،

    سەن مېنى سۆيمىسەڭمۇ،

    قوينۇڭدىن ئۆلۈمگە يۈگۈرەيمەن...

     

    كېتەر چېغىڭدا

    لەۋلىرىمگە مۆھۈرلە يېپيېڭى گۇناھلىرىڭنى.

    يۈرىكىڭدە بىرمۇ جۈملە قالمىسۇن ماڭا دائىر.

    سەن ئۇنۇت مېنى.

    خاتىرەلەرنى ھېچقاچان ياشالمىغانغا چىقار...

    لەۋلىرىڭدە ئۆلگەنىكەنمەن،

    ئۆلۈم بىلەن ھايات ئارىسىغا

    بىچارە يوقلۇقۇڭ كىرسە

    نېمىمۇ ئۆزگىرەر، سۆيگۈنىم...

    كەت، بولدى،

    بولدى قىل، سەۋدايىم ھۆللەنمىسۇن بارماقلىرىڭدا،

    بولدى قىل، ئىسمىم ئەسلەنمىسۇن لەۋلىرىڭدە...

    ئىسمىمنى ئۇنۇتقانىكەنسەن،

    مېنى ئىككى لېۋىڭ ئارىسىغا كۆمسەڭ

    نېمىمۇ ئۆزگىرەر، سۆيگۈنىم...

    مەن ھايات تۇرۇپ  «ساڭا» ئۆلگەنىدىم...

     

    كېتەركەن مەنلىك خاتىرەلەرنى سۆكىۋەت تەقۋىملىرىڭدىن.

    سەندە ھېچقاچان بولۇپ باقمىغانلىقىمغا،

    يۈرىكىڭنى ھېچقاچان چىكىپ  باقمىغانلىقىمغا ئۆزۈڭنى ئىشەندۈر.

    نىمجان تېنىمنى لەۋلىرىڭدە ئۆلتۈرۈپ كەت...

    ساقلاتما قولۇڭدىكى تەپكىنى.

    يېڭى-يېڭى ئازاپلىرىڭنى،

    سوغۇق ستۋولنىڭ ئاغزىغا تېرەپ

    گۇناھلىرىڭنى ئوق قىلىپ يۈرىكىمگە ئات مېنىڭ...

    يۈرىكى بەش پۇلغا يارىماس بۇ ئادەمنى،

    بىر پېشىن ۋاقتىدا،

    ئىككى لېۋىڭ ئارىسىغا كېپەنسىز كۆم...

     

    تۈركچىدىن ئايپالتا ئۇيغۇرچىلاشتۇردى.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.