ئاشىق ۋەيسەل شېئىرلىرى

يوللىغۇچى : unatsu يوللىغان ۋاقىت : 2010-10-20 10:24:51

ئاشىق ۋەيسەل شېئىرلىرىدىن1893 ـ 1974(تۈركيە)سەن بىر چېچەك بولساڭھەر سەھەر ئاقارسا ، سۇغا كېتەركەن،يار يۇلۇڭدا تۇپراق بولسام، تۇز بولسام!بېقىپ تۆت ئەتىراپقا سەيلە قىلاركەن،قاراقاش ئالدىدا ھال كۆز...

     

    ئاشىق ۋەيسەل شېئىرلىرىدىن

    1893 ـ 1974

    (تۈركيە)

    سەن بىر چېچەك بولساڭ

     

    ھەر سەھەر ئاقارسا ، سۇغا كېتەركەن،

    يار يۇلۇڭدا تۇپراق بولسام، تۇز بولسام!

    بېقىپ تۆت ئەتىراپقا سەيلە قىلاركەن،

    قاراقاش ئالدىدا ھال كۆز بولسام.

    نازلىنىپ –نازلىنىپ چىقاركەن يولغا،

    نەچچە دىلسىزلارنى كەلتۈرەر دىلغا،

    يېشىل باشئۆردەكەك ئۈزەركەن كۆلدە

    يا بىر بۇركۈت بولسام، يا بىر باز بولسام.

    ۋەيسەل ،ئۆردەك بولسۇن،سەن ـكۆل يارىم،،

    بەست،ماڭا كەرەم ئەيلە، كەل يارىم،

    لالە، سۇمبۇل،ئىلاندەك بىنەپشە، گۈل يارىم

    سەن بىر چېچەك بولساڭ ،مەن بىر ياز بولسام.

     

    پەرۋانىلەر ئاۋارىدۇر

    كەلگەن يوق، كەتكەن يوق، ئۇزاقتۇر ئارا،

    ئىلگاز تېغى يول بەرمىدى كېچەلمىدىم.

    ھاۋالىنىپ يولداش بولسام قۇشلارغا،

    قوللۇرۇم يوق،قاناتىم يوق، ئۇچالمىدىم.

    باھار كېلىپ تۇرنىلارغا ئەش بولسام،

    يامغۇر بولۇپ، كۆزدىن ئاققان ياش بولسام،

    ھال كۆزلۈك بىر گۈزەلگە قاش بولسام،

    ئۇل زاماننىڭ قىممىتىنى پىچەلمىدىم.

    بۇ يىل يەنە قۇيقۇي ماڭا يۇرت بولدى،

    ئىلگاز تېغى ئارىمىزدا سەد بولدى،

    سەندىن ئايرىلغىنىم مەڭا دەرت بولدى،

    دەردىمنى سەندىن باشقىسىغا ئاچالمىدىم.

    دەرد ئۆزى باشقا، سەۋدا ئۇندىن ئۆتە،

    يانماق ئۈچۈن .اۋارىدۇر پەرۋانە،

    قايان باقسام سېنى كۆردۈم ھەريانە،

    يار ۋەيسەلدىن، مەن يارىمدىن كېچەلمىدىم.

     

    بولالمىدىم

    سېنىڭ ئىشقىڭدامەجنۇن

    بولاي دېدىم، بولالمىدىم.

    مانا بۇ ئىشقتا جانۇ ـ دەرمان

    بولاي دېدىم، بولالمىدىم.

    ئىشقىڭ مېنى قىلدى گىريان،

    گاھ باش يالاڭ، گاھى ھەيران،

    جاندىن سۆيگەن گۈزىلىمنى

    ئالاي دېدىم، ئالالمىدىم.

    مەن بىر جىسمى، سەن بىر جانسەن،

    ھەم دىنىمسەن،ھەم ئىمانىمسەن،

    ماڭا مەندەك يېقىن سەنسەن،

    دوست يولىدا ئۆلەلمىدىم.

    بارى  ـ يوقۇم بىر ۋەيسەلىم،

    ئېتىگىڭدە قالدى قولۇم،

    ئەي مېنىڭ يورۇق گۈزىلىم،

    خىيالىڭدا قالالمىدىم.

     

    بۇكېچە

    بىلەلمىدىم ئوڭۇممىدۇ ۋە ياكى چۈشۈممىدۇ ،

    كۆڭلۈم ئارزۇسىىنى بىلدى بۇ كېچە

    چېچىڭ قىلىچمىدى يا ئاتەشمىدى!

    يۈرۈگۈم كۈز بىلەن تولدى بۇ كېچە.

    بىلەلمىدىم كېچە بىلەن كۈندۈزنى،

    كۆرەلمىدىم قۇياش بىلەن يۇلتۇزنى،

     مەستانە كۆزلىرى مەست قىلدى بىزنىى،

    ئەقلىمنى بېشىمدىن ئالدى بۇكېچە.

    ئاي يۈزىگە باققان بىلەن تۇيالماس،

    يۇلتۇز –يۇلتۇز ھەللىرى بار يوقالماس،

    ئىشق مېيىدىن ئىچكەن ئاشىقلار ئۆلمەس.

    بىلمىدىم ماڭا نىمە بولدى بۇ كېچە،

    سۇنماي يانار توغرىلارنىڭ چىراغى،

    يېقىن بولار ئەھلى ئىشقنىڭ يىراغى،

    ۋەيسەل بولدى ۋەيسەللەرنىڭ پىراغى،

    خىيالى يادىمغا كەلدى بۇكېچە.

               

    رەسىم ـ گۇگۇلدىن ئىلىندى. 

      شېئىرلار؛ئۆزبېكىستان شائىرى   خۇرشىد  دەۋران  تەرجىمە ،قىلىپ تۈزگەن ‹قىرىق ئاشىقنىڭ دەپتىرى› ناملىق توپلامدىن ئىلىندى.                                   

     

     

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.