ئوكاكى ئۇرۇئۇ شېئىرلىرىدىن

يوللىغۇچى : YusufAhmad يوللىغان ۋاقىت : 2009-06-13 16:13:00

ئوكاكى ئۇرۇئۇ (ياپونىيە، 1901 ــ ) بىز بىز لۈكچەك دېيىلدۇق سوتسىيالىست دېيىلدۇق ساتقۇن دېيىلدۇق ۋەتەن خائىنى دېيىلدۇق تۈكۈرۈلدۇق جازالاندۇق باغلاندۇق، ئېسىپ قويۇلدۇق. ئۇرۇلدۇق تېپىلدۇق ئاياغ ئ...

    ئوكاكى ئۇرۇئۇ (ياپونىيە، 1901 ــ )

    بىز بىز لۈكچەك دېيىلدۇق
    سوتسىيالىست دېيىلدۇق
    ساتقۇن دېيىلدۇق
    ۋەتەن خائىنى دېيىلدۇق
    تۈكۈرۈلدۇق
    جازالاندۇق
    باغلاندۇق، ئېسىپ قويۇلدۇق.
    ئۇرۇلدۇق تېپىلدۇق
    ئاياغ ئاستى قىلىندۇق
    لېكىن بىز پۇشايمان قىلمىدۇق
    قورقمىدۇق
     تەڭرى ئالدىدا بۇ ئىشلارنى نومۇس بىلمىدۇق

    تۈگمەيدۇ دۇنيانىڭ چېكى
    قۇياش كۈلگەن ئاسمانغا قاراپ
    بار ئاۋازدا ناخشا توۋلىدۇق
    چۇقان سالدۇق
    ھەممە بىردەك ئاپىرىن ئېيتتۇق
    قول تۇتۇشۇپ
    مۈرىلەرنى مۈرىگە تىرەپ
    داغدام يولدا ئالغا قاراپ قەدەم تاشلىدۇق

    پەرھات ئىلياس تەرجىمە قىلغان يارىلانغان يۈرەك ناملىق توپلامدىن ئېلىندى

    [qarluq تەستىقلىدى . 2010-2-7 11:16:06]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق