ئەھمەت ئەرخان: بۈگۈنمۇ ئۆلمىدىم، ئانا

يوللىغۇچى : aypalta يوللىغان ۋاقىت : 2011-08-03 18:32:54

Bu Günde Ölmedim, AnneAhmet Erhanبۈگۈنمۇ ئۆلمىدىم، ئانائەھمەت ئەرخان ( تۈركىيە)يۈرىكىمنى قالقان قىلىپ كوچىلارغا چىقتىم،قەھۋەخانىلاردا ئولتۇردۇم، بالىلار بىلەن پاراڭلاشتىمسىقىلدىم، دەرتلەندىم، سۆيگىن...



     

    Bu Günde Ölmedim, Anne

    Ahmet Erhan

     

    بۈگۈنمۇ ئۆلمىدىم، ئانا

     

    ئەھمەت ئەرخان ( تۈركىيە)

     

    يۈرىكىمنى قالقان قىلىپ كوچىلارغا چىقتىم،

    قەھۋەخانىلاردا ئولتۇردۇم، بالىلار بىلەن پاراڭلاشتىم

    سىقىلدىم، دەرتلەندىم، سۆيگىنىم بىلەن ئۇچراشتىم

    بۈگۈنمۇ ئۆلمىدىم، ئانا.

     

    تاقاق ئىدى ئىشىكلەر، پەردىلەر چۈشۈرۈكلۈك

    قۇرال ئاۋازى يىراقلاردا بوغۇق-بوغۇق

    بىر يۈزۈم ھاياتقا، بىر يۈزۈم ئايرىلىشقا باققان

    بۈگۈنمۇ ئۆلمىدىم، ئانا.

     

    ماڭا قۇرال تەڭلەندىمىكىن دەپ قاپتىمەن

    شامال، بىلىگە ئۇرۇلغىنىدا بىر تالنىڭ

    قورقتۇم، كۈلدۈم، ئاچچىغىم كەلدى ئۆزۈمگە

    بۈگۈنمۇ ئۆلمىدىم، ئانا.

     

    ماڭا بۇنداق غەيرى تۇيغۇلار

    بىلمىدىم نېمىشقا كېلەر، قەيەرگە كېتەر؟

    قايتتىم، ئاغرىق يۈرىكىمدىن مېڭەمگە ئاقار

    بۈگۈنمۇ ئۆلمىدىم، ئانا.

     

    تۈركچىدىن ئەنۋەر ھامىت( ئايپالتا) ئۇيغۇرچىلاشتۇردى.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.