ئاننىي كارسۇن شېئىرلىرى

يوللىغۇچى : hotanboy يوللىغان ۋاقىت : 2010-05-31 20:53:35

ئاننى كارسون شېئىرلىرىئەيبۇ ياقۇپ تەرجىمىسى زامانىمىزدىكى مەشھۇر شائىر ئاننىي كارسۇننىڭ «بازار تۇرمۇشى» ناملىق شېئىرلىرى نەچچە ئون پارچە ھەر خىل بازارلارنى تېما قىلغان قىسقا شېئىرلاردىن ت...

       ئاننى كارسون شېئىرلىرى
    ئەيبۇ ياقۇپ تەرجىمىسى

     

       زامانىمىزدىكى مەشھۇر شائىر ئاننىي كارسۇننىڭ «بازار تۇرمۇشى» ناملىق شېئىرلىرى نەچچە ئون پارچە ھەر خىل بازارلارنى تېما قىلغان قىسقا شېئىرلاردىن تەركىب  تاپقان چاتما شېئىرلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ تىلى ئاددىي بولسىمۇ مەنىسى چوڭقۇر، يۇمۇرلۇق تۇيغۇلارغا تويۇنغان ھەم ئۆزگىچە ئىپادىلەش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە. ئۇ يەنە دائىم شېئىرلىرىدا تىنىش بەلگىلەرنى خاتا قويۇپ ئوقۇرمەنلەرگە كەڭ تەسەۋۋۇر ۋە ئانالىز بوشلۇقى قالدۇرۇپ قويىدۇ (تۆۋەندىكى شېئىرلارنىڭ تەرجىمىسىدە تىنىش بەلگىلەر ئەسلىدىكى ھالىتى بويىچە ئېلىنمىدى).

     

    دىن تارقاتقۇچىلار بازىرى

     

    سەن ئۆلگەندىن كېيىن،
    شامال چىقار كۈندە تىنىمسىز.
    ھەر بىر كۈن
    بىزنى تامدەك توسايدۇ ئۈنسىز.
    ئالىتاغىل ئۈنلەردە توۋلاپ،
    بارماقتىمىز تاشيول ياقىلاپ.
    سەزمەكتىمىز، يوقتۇر ھېچ ئامال
    ئارىلىقىمىز كەتتى يىراقلاپ.
    قۇرۇق بولسىمۇ ئارىلىقلار بۇندا،
    تامدەك مەزمۇت تۇرىدۇ چاقناپ.
    قارا ۋە ھەم مۇزدەك قايغۇلار،
    كەمپىر چىشلىرىنىڭ ئاراچلىرى ئۇ
    بىزنى ھەر چاغ تۇرار ئازابلاپ.
    سەن تونۇيسەن يىل-يىللار بۇرۇن،
    گۈلدەك لېۋەن چېغىدىن ئۇنى.
    ئۇ بىر ئوت، خۇددى يالقۇندەك،
    كۆيەر ئىدى ھەم يانار ئىدى.

    **********************************

    تەلەي بازىرى

     

    ئانىسىغا نان ئالغىلى چىققان بولسىمۇ،
    ئازگالدىن بىرنى كولاپ،
    كۆمەيلى ئۇنىڭ بالىسىنى.
    بىر ئەر قېزىۋالار ئۇ يەردىن ئالتۇن،
    ھامان بىر كۈنى.

    ھالاكەت بازىرى

     

    ئۇشبۇ كۈنى
    بولسۇن مەيلى قايسى دەم،
    توختىتىمەن بازاردىكى شاۋقۇننى بىردەم.

    مەن ئاڭلىغان بىر بازار

    «يوق يەرنىڭ مەركىزى»
    سوراي ئۇنى،
    قەيەر−دەپ؟
    تىمتاس ھەم گۈزەلدۇر ئۇ يەر،
    بىر توشقان،
    سەكرەپ-سەكرەپ باغرىدىن ئۆتەر.
    يوقتۇر ھېچنېمە،
    مەشنىڭ ئۈستىدە.

     

    يەنە باھار بازىرى

    «ئوخشاشقىنا يەنە شۇ باھار»
    سۆزلەپ ئولتۇرار جۇڭگولۇق بوۋاي.
    دېرىزىدىن تامچىلاپ يامغۇر،
    يەتكۈزەر بىزگە،
    يىراق ئارىلىقتىكى بىر تەشنالىقنى...

     

    جىنايەتلىك ئۆلۈم بازىرى

     

    جىنايەت نېمە؟
    سورىدىڭ مەندىن.
    كۆرگەنىدىم تۇيۇقسىز سېنىڭ،
    كەتكىنىڭنى گۇناھنى يۇيۇپ.
    ئايدىن كېيىن چاقنىغان كەبى،
    تۈندە شامال ئورمانلىقتىكى...

     

    قۇملۇق بازىرى

     

    ئەۋلىيا،
    قايتىپ كەلگەندە قۇملۇق ئىچىدىن،
    مۇرىتلىرى تۇرار تىزىلىپ
    قۇشقاچلاردەك يىپنىڭ ئۈستىدە.
    ئۈمىد ئۈزگەن ھەتتا بەزىسى
    تۇرىدۇ ئۇ
    مۇرتلىرىغا مەيۈس باققانچە.
    قۇملۇقتا،
    يۈرىكىنى كاۋاپ ئەتسىمۇ،
    ئۇنى ئەسكەرتمىگەن ھېچبىر كۆلەڭگە.
    باشپاناھى ئۇ بۇندا ھەممىنىڭ،
    نەقەدەر چوڭ بەدەلدۇر ئاڭا،
    قۇچىقىدا ئۆلدى بىر بالا.
    شۇندىن باشلاپ ئۇ،
    بۆلۈۋېتىپ دۇنيانى تامام،
    غەزىپىنى ئۆرلەتتى كۆككە.
    سۆڭەكلەر قانغا ئايلاندى پۈتۈن،
    كەلگۈسىنى ئۇ ئەمدى كۆرمەكتە.
    كۈتمەكتە ئۇ يوقتۇر ھېچنېمە،
    كۈتمەكتە ئۇ پەقەت كۈتمەكتە...

     

    ئۇخلاۋاتقان بازار

    چاقمىقى بار يىراقتا ئۇنىڭ،
    ئاۋازىدا باردۇر يەنە قان.
    ئۇرۇلغاندا زېمىنغا، شۇ چاغ
    ئېرىپ كېتەر بۇندىكى بىر جان.
    چېقىلسا ئۇ يېنىپ، چاراقلاپ
    چىڭقىلىدۇ ھاۋا دەممۇ دەم.
    گۈللۈكلەرنىڭ چېتىدىن يەنە
    ئوخچۇپ چىقار غەۋۋاسلارمۇ ھەم.
    قان تومۇرى كۆپەر جانلىقنىڭ،
    بىر ئۈمىدنى كۆرۈش ئالدىدا،
    بىزمۇ جاننى قىلىمىز پىدا.
    غايەت قۇملۇقلار
    ھەسرەتلىكتۇر دوزاختەك گويا.
    بىر جانلىقنىڭ يۈرىكى شۇ تاپ،
    سانجىلغاندۇر ئۇنىڭ باغرىغا.

     

    پۇشكىن بازىرى

    ئۆتمۈشنىڭ كەلگۈسىدە تۇرسام مەن ياشاپ،
    پەرىشتە يوللىرىدا ئاقار تىنىق شۇ.
    بار ئاندا قائىدە ھەمدە مۇھەببەت،
    تۇيۇقسىز تەۋەككۈل قىلىنغان ئىشىق،
    تۇنجى قائىدىدۇر ئەبەدكە-ئەبەد.
    سۆزلىرىڭ رودىدۇر بەلكىم ئۇندىكى،
    كۈلدۈر ھەم كۆزىمىز بىزنىڭ بۇندىكى.

     

    تەڭرى سۆيگۈسىگە نائىل بازار

     

    بىر خاتاغا يول قويدۇم ئاخىر،
    ئۇشبۇ دەمنىڭ ئالدىنقى كۈنى.
    تەقلەپ قويدۇم سومكامنى ھازىر
    سەپەر ئۈچۈن، ھەمدە ۋە يەنە
    پىشۇرغانچە ئىككى تۇخۇمنى.
    نېمە بولسۇن كۆزۈم ئورنىدا؟
    لەيلەتكەنچە يۇمران شاخلارنى،
    سۇلار ئاقار ئەگىم ۋە ئەگىم.
    شىلدىر-شىلدىر ئاۋازلارنى ھەم،
    كېلەر ساڭا ئاڭلىسۇن دېگىم...

     

    خاتا مەسىلە بازىرى

     

    قانداق قىلىپ
    قوپۇرۇلغاندۇر تام؟
    نېمىدۇرمەن ئۆزۈم بۇ يەردە؟
    چىغرىق بىلەن تېرە قاچاندىن
    تاختا ئۈستىدە ئايلىنار تەتۈر؟
    ئادەملەرنى ئازابلاپ ئۇلار
    يەركىن يەنە قانداق رەڭلىك نۇر؟

    (خەنزۇچە «دالا» شېئىرىيەت ژۇرنىلىنىڭ 2003-يىللىق 12-سانىدىن تەرجىمە قىلىندى.) 
    تەڭرىتاغ ژورنىلىدىن ئېلىندى .

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.