بولدى ئەمدى بىللە قىلىپ يۈرمەيلى سەيلى(بايرون)

يوللىغۇچى : rayila يوللىغان ۋاقىت : 2010-10-09 15:49:39

بولدى ئەمدى بىللە قىلىپ يۈرمەيلى سەيلى گىئورگى گوردون بايرون 1 بولدى ئەمدى بىللە قىلىپ يۈرمەيلى سەيلى، خىلۋەت تۈننى ئۆتكۈزمەيلا كېتەيلى مەيلى، ئاي يەنىلا يارقىن شولا چېچىپ تۇرسىمۇ، يانمىسىمۇ يۈرى...

    بولدى ئەمدى بىللە قىلىپ يۈرمەيلى سەيلى

    گىئورگى گوردون بايرون

     

    1

    بولدى ئەمدى بىللە قىلىپ يۈرمەيلى سەيلى،

    خىلۋەت تۈننى ئۆتكۈزمەيلا كېتەيلى مەيلى،

    ئاي يەنىلا يارقىن شولا چېچىپ تۇرسىمۇ،

    يانمىسىمۇ يۈرىكىمنىڭ سۆيۈشتىن پەيلى.

    2

    تەشكەندەك ئۆز غىلاپىنى ئۇپرىتىپ خەنجەر،

    روھمۇ كېلىپ يۈرىكىمنى مۇجىدى بەتتەر،

    ئېھ، يۈرىكىم ، دولقۇنلاشتىن توختاپ ئال نەپەس،

    مۇھەببەتمۇ چىن ئارامغا بولسۇن مۇيەسسەر .

    3

    مۇھەببەتكە باپ بولسىمۇ بۇ ئايدىڭ كېچە،

    تاڭ ئاتىدۇ ئۇپۇق يورۇپ ھەش-پەش دىگۈچە،

    بىراق ئەمدى قىلالمايمىز بىز بىللە سەيلى،

    بۆلىنىپ ئاي شولىسىغا يەنە قانغۇچە .

     

    1817-يىل 2-ئاينىڭ 29- كۈنى

     

    قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 1984-يىلى نەشر قىلغان « خەزىنە گىرۋەكلىرى » دىن ئېلىندى.  مۇھەممەدئىمىن تەرجىمىسى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.