فەتھۇللاھ گۈلەن: ھازىدار لەۋلەردە تەبەسسۇم

يوللىغۇچى : aypalta يوللىغان ۋاقىت : 2011-08-03 20:30:02

Yaslı Dudaklarda TebessümFethullah Gülenھازىدار لەۋلەردە تەبەسسۇمفەتھۇللاھ گۈلەن( تۈركىيە)ھەر لەھزە ئايرىم بىر باھاردۇر كۆڭلۈم سەن بىلەن،سەن يۈزىگە نۇر چاچقان كۆك قۇببىنىڭ ئاستىدا...قۇياشلارغا تاج كەيدۈر...



     

    Yaslı Dudaklarda Tebessüm

    Fethullah Gülen

      

    ھازىدار لەۋلەردە تەبەسسۇم

     

    فەتھۇللاھ گۈلەن( تۈركىيە)

     

     

    ھەر لەھزە ئايرىم بىر باھاردۇر كۆڭلۈم سەن بىلەن،

    سەن يۈزىگە نۇر چاچقان كۆك قۇببىنىڭ ئاستىدا...

    قۇياشلارغا تاج كەيدۈرگەن قۇتلۇق قوللىرىڭ بىلەن،

    سىر ئىشىكىنى ئاچقىنىڭدىن بېرى قېتىڭدا...

     

    يەر يۈزى گويا جەننەت مەۋجۇتلۇق خامىنى بىلەن؛

    بەزمىسىگە قېتىلغانلار بولۇشتى ئاشق- دىۋانە.

    تۈنۈگۈنكى كونا جاھان بار ۋەسلى بىلەن،

    باقىيلىق سۇنغان قەدەھتە بولدى مەست ۋە ھەيرانە...

     

    ھازىدار لەۋلەردە جىلۋە قىلغان تەبەسسۇملاردىن،

    مەلۇمدۇر كۆك دەرۋازىسىنىڭ ئېچىلغانلىقى.

    سالقىن شامال چىقماقتا ئەنبەر پۇراقلىق كۈنلەردىن؛

    ئاي قەدەھىنى تۇپراق باغىرىغا تۆككەندىن بېرى.

     

    كېچىنىڭ بۈدرە چاچلىرى پاخپايغان، قالايمىقان،

    ئەقىلنىڭ تىزگىنى سامانىڭ قولىغا چۈشتى...

    سۆزلەر ئەمدى ئاتاماننىڭ ئاتامىنى، ئويغاندۇق،

    سۆيۈنۈڭ ، ئازاپلىق يەنە بىر دەۋر كەتتى...

     

    كەتتى، كەتمەكتە بىر- بىر، ئالدى-كەينى بولغانلار،

    باقىيلىق بويىقىدا بويالغانلاردا ھوزۇر...

    ئۆلۈم دىيارىدا ئۆلۈمسىزلىكنى تاپقانلار،

    ئىچىدە يورۇقلۇق، ئەتراپىدا نۇر...

     

    ئۇلارنىڭ ھېچ سۇلمىغان باھارلىرى يېنىدا،

    ئۆچۈك بىر رىۋايەتتىن پەرقسىزدۇر ئىرەم بېغى...

    ۋە كېتىپ باقىيلىق بىلەن پۈتۈنلەشكەن روھىدا،

    بىردىنلا نىسىپ بولار يورۇقلۇق دەۋرى- چېغى.

     

    ئەسكىرىگەن ئەسكىرىدى، گەپ ئەسكىرىمىگەندە،

    ئۆلگەنلەرگە مۇراسىم، قالغانلارغا تەزىيە...

    ئازغۇنلارنىڭ بوينى قىسىلدى كامانلاردا

    خۇشخەۋەرلەر كەلگۈسىگە، سالام شانلىق ئۆتمۈشكە!

     

    تۈركچىدىن ئەنۋەر ھامىت( ئايپالتا) ئۇيغۇرچىلاشتۇردى.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.