ئانا تىل

يوللىغۇچى : yultuz920 يوللىغان ۋاقىت : 2014-03-01 19:31:51

ئەي ئانا تىل، ئەي گۈزەل تىل، ئاتا-ئانامنىڭ تىلى! ۋاسىتە بولغاچ ئۆزۈڭ، بىلدىم مانا كۆپ نەرسىنى. باشتا ئۇخلاتسا مېنى شۇ تىلدا ئەللەيلەپ ئانام،

     

    ئانا تىل

    غابدۇللا توقاي شېئىرلىرىدىن تاللانما
     
    غابدۇللا توقاي (1886-1913)
    مۇساجان ئەزىزى تەرجىمىسى
     


     
    ئەي ئانا تىل، ئەي گۈزەل تىل، ئاتا-ئانامنىڭ تىلى!
    ۋاسىتە بولغاچ ئۆزۈڭ، بىلدىم مانا كۆپ نەرسىنى.
     
    باشتا ئۇخلاتسا مېنى شۇ تىلدا ئەللەيلەپ ئانام،
    سەل ئۆتۈپ تۈندە شۇ تىلدا چۆچەك ئېيتقانىدى مومام.
     
    ئەي، ئانا تىل! ھەر قاچاندا ياردىمىڭدە بىر سېنىڭ،
    ئۇ قوشۇلغان ياشلىقىمدىن شاتلىقىم، قايغۇم مېنىڭ.
     
    ئەي، ئانا تىل سەن بىلەن قىلغانىدىم دەستلەپ دۇئا:
    قىل ئاتا رەھمەت ماڭا، ئاتام-ئانامغا ئەي خۇدا!
    1909-يىلى
     
    مەنبە: «دۇنيا ئەدەبىياتى» 2013-يىللىق 4-سانىدىن
     
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر تىل غابدۇللا شېئىر