دوستۇمغا ( لېرمونتوۋ)

يوللىغۇچى : YultuzAy يوللىغان ۋاقىت : 2007-10-31 08:47:00

دوستۇمغا رۇس شائىرى لېرمونتوۋ (1814-1841) بارمەندە ئەزەلدىن يالقۇنلۇق يۈرەك، دوستلارنى ئىزدەشكە خۇشتارمەن قەۋەت. بولساق بىز بەھۇزۇر ئىچىشكە ئەمەك، ۋاقىتنىڭ ئۆتكىنى بىلىنمەس پەقەت. قىلمايمەن كاتتا نام-...

    دوستۇمغا

    رۇس شائىرى لېرمونتوۋ (1814-1841)

     

     بارمەندە ئەزەلدىن يالقۇنلۇق يۈرەك،

     دوستلارنى ئىزدەشكە خۇشتارمەن قەۋەت.

    بولساق بىز بەھۇزۇر ئىچىشكە ئەمەك،

     ۋاقىتنىڭ ئۆتكىنى بىلىنمەس پەقەت.

     

      قىلمايمەن كاتتا نام-شۆھرەتكە ھەۋەس،

    مۇھەببەت-سۆيگۈدىن ئىللىيدۇ دىلىم.  

    چىلتارنىڭ ناۋاسى ياڭرىسا پەۋەس،

    دولقۇنلۇق دەريادەك ئۇرغۇيدۇ قېنىم.

         

    شاد كۈلكەم ھەرقېتىم ئۇرغاندا بەرق،

    دەرد-ھەسرەت قەلبىمنى چۇلغۇيدۇ بىراق.

    خوشلۇقتا ئىچىشىپ بولسام مەست غەرق،

    جىسمىمنى ئامبۇردەك سىقىدۇ پىراق.

     

    [admin تەستىقلىدى . 2010-2-12 9:31:58]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق