ئورخان ۋەلى كانىك: ئۆلۈمگە يېقىن

يوللىغۇچى : aypalta يوللىغان ۋاقىت : 2011-07-18 17:24:40

Ölüme YakınOrhan Veli Kanıkئۆلۈمگە يېقىنئورخان ۋەلى كانىك ( تۈركىيە)نامازشامنىڭ ئالدى-كەينى، قىش ۋاقتى؛بىر كېسەل ھوجرىسىنىڭ دەرىزىسىدە؛يالغۇز مەندىلا ئەمەس يالغۇزلۇق ھالى؛دېڭىز قاپقاراڭغۇ، كۆك يۈ...



     

    Ölüme Yakın

     

    Orhan Veli Kanık

     

     

    ئۆلۈمگە يېقىن

     

    ئورخان ۋەلى كانىك ( تۈركىيە)

     

    نامازشامنىڭ ئالدى-كەينى، قىش ۋاقتى؛

    بىر كېسەل ھوجرىسىنىڭ دەرىزىسىدە؛

    يالغۇز مەندىلا ئەمەس يالغۇزلۇق ھالى؛

    دېڭىز قاپقاراڭغۇ، كۆك يۈزىمۇ ھەم؛

    بىر ئاجايىپ قۇشلارنىڭ ھالى.

     

    يوقسۇل ۋە تىكەندەك يالغۇز بولساممۇ؛

    نامازشامنىڭ ئالدى-كەينى، قىش ۋاقتى؛

    مېنىڭمۇ بېشىمدىن سەۋدالار كەچتى؛

    شۆھرەت دەمسەن، خوتۇن ياكى مال- دۇنيا ئىشقى؛

    زامان بىلەن چۈشىنەركەن ئىنسان دۇنيانى.

     

    ئۆلىمىز دەپ كۆڭلۈڭ يېرىم بولدىمۇ؟

    نېمە قىلدۇق، نېمە كۆردۇق بۇ دۇنيادا

    ئەسكىلىكلەردىن باشقا؟

     

    ئۆلگەندە كىرلىرىمىزدىن پاكلىنىمىز،

    ئۆلگەندە بىزمۇ ياخشى ئادەم بولىمىز؛

    شۆھرەت دەمسەن، خوتۇن ياكى مال- دۇنيا؛

    ھەممىسىنى ئۇنۇتىمىز.

     

    Gün Olur

     

    كۈن كېلەر

     

    كۈن كېلەر، ئېلىپ بېشىمنى كېتەرمەن،

    دېڭىزدىن يېڭى چىققان تور ھىدلىرىدا.

    ئۇ ئارال سېنىڭ، بۇ ئارال مېنىڭ،

    چۈشىۋېلىپ چايكىلارنىڭ ئارقىسىغا.

    دۇنيالار باركى، ئەقلىڭ يەتمەيدۇ،

    گۈل-چېچەكلەر داۋراڭ بىلەن ئېچىلار،

    داۋراڭ بىلەن ھورلار چىقار تۇپراقتىن.

    چايكىلار، بولۇپمۇ شۇ چايكىلار

    ھەر بىر تال پېيىدا ئايرىم ھاياجان!

    كۈن كېلەر بېشىمغىچە كۆك

    كۈن كېلەر بېشىمغىچە قۇياش،

    كۈن كېلەر ، ساراڭلاردەك...

     

    Sol elim

    سول قولۇم

     

    مەست بولدۇم شۇڭا

    يەنە سېنى ئەسلىدىم؛

    سول قولۇم،

    يېڭىياچى قولۇم

    بىچارە قولۇم!

     

    تۈركچىدىن ئايپالتا ئۇيغۇرچىلاشتۇردى.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.