مۇھەمەد يۈسۈف  شېئىرلىردىن

يوللىغۇچى : yalqunazizi يوللىغان ۋاقىت : 2008-09-21 15:35:00

دۇنيا شېئىرىيىتىدىن تاللانما مۇھەمەد يۈسۈف شېئىرلىردىن مۇھەمەد يۈسۈف(ئۆزبىكىستان ) (1954-2001) ئۆزبەكچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى : يالقۇن ئەزىزى كۈمۈش مەرغىلاندا كۈمۈشنى كۆردۈم ،كۆزىگە ياش ئېلىپ تۇرۇپ...


    دۇنيا شېئىرىيىتىدىن تاللانما

       مۇھەمەد يۈسۈف شېئىرلىردىن  

      مۇھەمەد يۈسۈف
    (ئۆزبىكىستان )
    (1954-2001)

    ئۆزبەكچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى : يالقۇن ئەزىزى

     

    كۈمۈش مەرغىلاندا كۈمۈشنى كۆردۈم ،
    كۆزىگە ياش ئېلىپ تۇرۇپتۇ .
    ساچلىرنى ئۆرۈپ كۆكسىدە ،
    ئاتابېكنى كۈتۈپ تۇرۇپتۇ .

     

    تاڭدا تۇرۇپ قەلەم قاشىگە ،
    ئوسما قويغان ئىكەن قۇرۇپتۇ .
    كۆزدىن ئاققان ئاچچىق ياشلىرى ،
    ئوسمىسنى يۇيۇپ تۇرۇپتۇ .

     

    مېنى بىر ئوي قىينايدۇ يامان ،
    يەنە يۈرەك ئوينايدۇ يامان .
    قويۇۋەر زىمىن ،قويۇۋەر ئاسمان ،
    مەن ئۆيۈمگە يېتىمەن قاچان ؟

    مېنى بىر ئوي قىينايدۇ ھامان ،
    يۈرەك يەنە ئوينايدۇ يامان .
    تاشكەنىتكە قىز بەرمە ،مەرغىلان -
    قەدىرىي يوق ،زەينەپلەرئامان !

     

    خاۋاتىر ( تەشۋىش )

    قورقۇمەن ،ئەتىلا ئۆلۈپ كەتسەم مەن،
    گەر ياتسام قۇملارغا پېتىپ كۆزلىرىم .
    كۆڭلىمنى تىنمىسىز باسار بىر غەم -ھەسرەت ،
    يىغلاشنى بىلمەيدۇ مېنىڭ قىزلىرىم .

    ئەڭ يېقىن دوسىتلىرىم غەيۋەتلەر قىلار ،
    ئەڭ زەيىپ دۈشمىنىم ئۈستۈمدىن كۈلەر .
    ئۇلارغۇ نە قىلسا ئۆزلىرى بۈلەر ،
    يىغلاشنى بۈلمەيدۇ مېنىڭ قىزلىرىم .

     

    شائىر ئۆلسە، كىم كۆيۈنەر دەيسىز ؟
     مەھدىيۋاز ھازىرلا سوراقلايدۇ كۆپ .
    ئۇلار بەئەينى تىرناقتىكى مۇز ،
    بارمىقىڭ تەگسىلا تۆكۈلەر توپ -توپ .

    تىلدىن قالسام كۆزدە قېتىپ ياشلىرىم ،
    كۆڭلۇمدە نىمە قىلار ئاخىر ،ئاھۇ-زارىم .
    يەرگە ئىگىلگەن كۈنى باشلىرىم ،
     يىغلاشنى بۈلمەيدۇ مېنىڭ قىزلىرىم .


    ئۇلار ياش .ئۆلۈمدىن قورقۇمەن ھامان ،
    چۈنكى دەردىگە قۇلاق سالمىدىم .
    قەبرەمنىڭ بېشىدا يىغلىسۇن دىگەچ ،
    قىزلارنى كۆز ياشنى ئاسراپ ،ئۆلمىدىم !
    مۇھەببەت مۇھەببەت ئەي گۈزەل ئىزتىراپ ،


    ئەي كونا دەرىت ،ئەي كونا تۇيغۇ .
    كۆكرىگىمگە قولۇڭنى تىرەپ ،
    يۈرۈكمنى تۆكۈپ قويدىڭغۇ .
    قانچە كۆزلەر ماڭا زار ئىدى ،

    نە ئەندىشىم نە غەم بار ئىدى ،
    قۇشتەك يەڭگىل روھىم بار ئىدى ،
    چاك -چاكىدىن سۆكۈپ قويدىڭغۇ ؟


    نە قىلاردىڭ ماڭا تېگىپ سەن ،
    يېڭلمىغان ئىدىم - يېڭىپ سەن .
    باشلىرىمنى يەرگە ئىگىپسەن ،
    قامىتىمنى پۈكۈپ قويدىڭغۇ ؟


    سەن مەن ئۈچۈن بىر خىيال ئىدىڭ ،
    ياخشىلار كۆپ ياخشى قال ئىدىڭ ،
    جان كېرەكمۇ مانا ئال دىدىڭ ،
    قىينار بولساڭ قىيناپ تويدىڭغۇ ؟


    بىلمەن نىمە ئىدى مەقسىدىڭ ؟
    ماڭا بىر جۈپ گۈلنى ئاسرىدىڭ .
    بىرنىڭ ئىسمنى كۈمۈش ئاتىدىڭ ،
    بىرنىڭ ئىسمنى كۈمۈش قويدىڭغۇ ؟


    مۇھەببەت ئەي گۈزەل ئىزتىراپ ،
    كوچا كەزدىم سەرسان تەمتىرەپ .
    يۈزلىرىمگە يۈزۈڭنى تىرەپ ،
    كۆزلىرىمنى باغلاپ قويدىڭغۇ ؟


    مېنىڭ دەردىم تۈزەلمىدى


     مېنىڭ دەردىم ئۆلسەم كېرەك .
    تۈپراق بىلەن ئاغا -ئىنە بولسام كېرەك .
    ئۆلۈم نىمە ؟ ئۇنىڭ بىلەن ، سەيىر ئانا .
    ئوغلۇڭ كەتتى قارا يەرگە خەيىر ئانا .


    تۈزەلمەس بۇ دەردىم مېنىڭ ئۈمۈدىم يوق .
    خىرەلەشكەن كۆزلىرىمدە ئۆچمەكتە چوغ .
    چوغ نىمىدۇر ،چوغمۇ ئاخىر كۈل بولىدۇ .
     ئىنسان ئاخىر ئۆز مەيلىگە قۇل بولىدۇ .

    يۈرۈكۈمنى تامام قىلدىم يىغلاۋىرىپ .
    ھوزۇرۇمدا ئەجەل تۇرار قاشىن كىرىپ .
    مەن ھاياتتا ئۆلۈمگە تىك ، بېقىپ ئۆستۈم .
    قېنى ماڭا ئاتالغان جاي ، كېتەي دوستۇم .


    تىلەك ھەركىمنىڭ ساچلىرىغا ئاق چۈشسۇن ،
    ئەجىلى توشۇپ يۈزلىرىگە داغ چۈشسۇن .
    ھەركىمنىڭ بېلىدىن قۇۋۋەتلەر كىتىپ ،
    قولىغا ھاسا ۋە بىر تاياق چۈشسۇن .


    ئىمانى ساپ ،يۈزگە كىرىپ يورۇق يۈز ،
    تويلار كۆرۈپ يەلكىسدىن تاغ چۈشسۇن .
    كېتىپ قالسا ئەگەر دۇنيادىن ،
    ئۆز بالىسى قولىدىن تۇپراقلار چۈشسۇن !

    ئۆزبەكچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى : يالقۇن ئەزىزى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.