ئەردەم بەيازىت: ساڭا، ماڭا، ۋەتىنىمگە...

يوللىغۇچى : aypalta يوللىغان ۋاقىت : 2011-07-01 08:27:57

Sana Bana Vatanıma Ülkemin İnsanlarına DairErdem Beyazitساڭا، ماڭا، ۋەتىنىمگە، دۆلىتىمدىكى ئىنسانلارغا دائىرئەردەم بەيازىت ( تۈركىيە)«تېلېگرافنىڭ سىملىرىنى ئوققا تۇتۇش كېرەك»ئۇنداق ئەمەس بۇ ناخشا بىلىمەنيە...

      

    Sana Bana Vatanıma Ülkemin İnsanlarına Dair

    Erdem Beyazit

     

     ساڭا، ماڭا، ۋەتىنىمگە، دۆلىتىمدىكى ئىنسانلارغا دائىر

    ئەردەم بەيازىت ( تۈركىيە)

     

     « تېلېگرافنىڭ سىملىرىنى ئوققا تۇتۇش كېرەك»

      ئۇنداق ئەمەس بۇ ناخشا بىلىمەن

     يەنە ئىچىمگە

    _ ھەر بېكەتتە توختاپ ئاندىن تەكرار ماڭغان _

     بىر پوچتا پويىزىدەك قاپقارا  ئىسلارنى تۆكۈپ

    بەزەن كۈتۈلگەن بەزەن تۇيۇقسىزلا يېتىپ كەلگەن

    خەۋەرلەرنى بىلىمەن، خەتلەرنى بىلىمەن.

     

    غەمدىن تاغلار ياسىشىم كېرەك

    قىيالىرى سۆزلەر بولغان

    قىرق پېشىن سانىشىم كېرەك

    قىرق كۈن مۇسىبەت چەككەن مۈرىلىرىمگە، چاچلىرىمغا

    چاچلىرىڭنىڭ يەلپۈنىشنى  ئەسكە  ئېلىپلا يەلكەڭدە

    باشتىن  ئاياغ ھۆللىنىشىم كېرەك

    غەم تاغلىرىغا چىقىپ نەرە تارتىشىم كېرەك.

     

    ئىچىمدە قاينىغان بىر مەھشەر بار

    بۇ مەھشەر  ئانىلارنىڭ قەلبىدىمۇ قاينار

    چۈنكى  ئۇلار يۇڭ  ئىگىرىپ تۇرغىنىدا دەرىزە  ئالدىدا

    ياكى كىر يېيىۋاتقاندا ھويلىلىرىدا

    بىردىنلا  ئېلىپ قالىدۇ قارا خەۋىرىنى

    مەكتەپتىن يېنىشىدا بىر قاتناش ھادىسىدە

    قازا قىلغان ئوغۇللىرىنىڭ.

     

    يەنە ياش ئاشقلارنىڭ يۈرەكلىرىنى بىلىمەن

    كىرا ماشىنىسدا ھارغىن شوپۇرلار ئۈچۈن يېزىلغان

    بىر ناخشىدىكى بىر سۆز تەسىر قىلىپ يۈرىكىگە

    قاراڭغۇ كوچىلىرىغا قايرىلىپلا شەھەرلەرنىڭ

    بىتون بىنالارنىڭ گاس تاملىرىنى مۇشلاپ كەتكەن

    ياكى غەم دېڭىزىنىڭ پىنھانلىقىدا

    ھىندى  ئوكياندەك چوڭقۇر

    ئىسياننىڭ قاپقارا سۇلىرىغا غەرق بولغان.

     

    تالاي  ئاخشاملارنى بىلىمەن

    قاراڭغۇلىقىنى

    بىر خەلق دوختۇرخانىسىدا

    توققۇز كىشىلىك ئاياللار ياتىقى كارىدورىدا

    پار يېنىدا مۈكچىيىپ  ئولتۇرغان

    ئاق خالاتلىرىدىن  ئۇيقۇ تۆكۈلۈپ تۇرغان دوختۇرلاردىن

    خەۋەر سوراشتىن قورققان

    ياش قىزلارنىڭ يۈرىكىدىن ئالغان.

     

    يەنە باھارلارنى بىلىمەن

    بىنا  ئۆيلەردە چوڭ بولغان بالىلار بىلمەيدىغان

    ئانادولۇ دالىلىرىدا

    ئىستانبۇلدىن دىياربەكىرگە يول ئالغان

    چاقلىرى يامالغان ئاسفالتلارنى تومۇز  ئۇسسۇزلىقى بىلەن ئىچكەن

    جەسۇر ئاپتوبۇس دەرىزىسىدىن

    ئىختىيارسىز بىر بېقىشتا كۆرۈنگەن

    جاپاكەش ئاياللار كەتمەن چېپىۋاتقان ئېتىز بويلىرىدا

    يالاڭ ئاياقلىرى يۇمشاق توپىغا پاتقان ئىشلەمچى بالىلارنىڭ

    بىر قولىدا قاتتىق نان غاجاپ

    يەنە بىر قولىدا ياپيېشىل غولپىياز بىلەن كەلگەن.

     

    يازلارنى بىلىمەن يۇرتۇمغا خاس

    يېزا نوچىلىرىنىڭ

    تۈگمىدەك  ئىش ئۈچۈن قان تۆكۈشكەن

    بىرىنىڭ جانسىز لەۋلىرىدىن سىرغىغان قان تېخى توختىماستىن

    ئۈستىگە جەھەننەم قۇياشىدا كۆكەرگەن چىۋىنلار قونۇشقان

    يەنە بىرى قان-تەر ئىچىدە يايلاق يوللىرىدا

    تاپانچىسىنى چىكىسىگە تېرەپ

    يۈرىكى ئۇسسۇزلىقتىن سىقىلىپ

    خىيالىدا تۈرمە سۇلىرى  ئاققان

    تۇيۇقسىز كۆرۈنگەن كەكلىكلەرنى ساقچى دەپ قېلىپ

    ئىختىيارسىز تەپكىنى بېسىپ سالغان

    تالاي نوچىلار نوچىلىق قىلغان

    يازلارنى بىلىمەن يۇرتۇمغا خاس.

     

    كۈزلەرنى بىلىمەن دۆلىتىمگە خاس

    جاۋاپسىز قالغان سەۋدادەك كېلەر

    قالغان بىر قىرغاقتا غەمكىن ۋە تەنھا

    قەلبىم كەبى

    يوقالغان تار يانچۇقلىرىدا قوللىرى

    تىترەشكىنىچە يوقسۇز بالىلار

    بىر توغرام ئىسسىق نان، بىر تامبال  ئۈچۈن

    تۆكىلىدۇ چوڭ يوللارغا ياپراقلار كەبى.

     

    ئاياللارنى بىلىمەن دۆلىتىمگە خاس

    كۆڭۈللىرى  ئاق دېڭىزدەك كەڭ

    تىنىقى ئافرىقىدەك ئوتلۇق

    كۆكسى چۇقۇر ئوۋادەك مۇنبەت

    تاغ كەبى  ئولتۇرۇپ  ئۆيلىرىدە

    پورتلار كېمىلەرنى ساقلىغاندەك

    ساقلىشىدۇ  ئەركەكلىرىنى

    يۆلەنسەڭ چىناردۇر  ئۇلار

    قۇچاقلىساڭ گوياكى  ئۈمىت.

     

    ئىسيان شېئىرلىرىنى بىلىمەن  ئاندىن

    سۆزلەر تانكىدەك  ئۆتەر ئادەمنىڭ يۈرىكىدىن

    ھەرپلەر  ئەسكەرلەردەك تىزىلغان مىسرالىرىدا

    بەزىسى بىر ھايانكەشنى كېچە چۈشىدە تۇتىۋالغان

    بەزىسى بىر بۇلاڭچىلىق زىياپىتىدە، كېچە زىياپىتىدە

    ئوغرىلارنىڭ گېلىغا تىقىلغان.

     

    مۇسۇلمان يۈرەكلەرنى بىلىمەن

    غەزىپى جەھەننەم، سۆيگۈسى جەننەت

    قوللارنى بىلىمەن ياۋۇز، قوپال، مەرت

    پىشانىلەرنى بىلىمەن ۋەتىنىمنىڭ خەرىتىسىدۇر

    ھەر بىر قورۇق - سورۇلىدىغان بىر ھىساپ

    ھەر بىر سىزىق - تارىخنىڭ بىر ياپرىقى.

     

    پۈتۈن بۇلارنىڭ  ئۈستىگە

    ھەممىسىنىڭ  ئۈستىگە سەۋدا سۆزلىرى سۆزلىشىم كېرەك

    ۋەتىنىم، مىللىتىم، پۈتۈن ئىنسانلار، قېرىنداشلىرىم

    ئاندىن سەن كېلىشىڭ كېرەك تىلىمنىڭ  ئۇچىغا  ئىسمىڭ كېلىشى كېرەك

    ئىسمىڭ قۇتۇلۇش( ئازاتلىق)تۇر،لېكىن سۆزلىمەسلىكىم كېرەك

    جان قۇشۇم، ئۈمىدىم،جېنىم، سۆيگىنىم.

     

    تۈركچىدىن ئايپالتا ئۇيغۇرچىلاشتۇردى.

     

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.