ئوتتۇرىمىزدا بىر تال ئالما

يوللىغۇچى : unatsu يوللىغان ۋاقىت : 2010-10-19 14:29:01

ئۇتتىرىمىزدا بىرتال ئالما ئامان مەتجان (ئۆزبېكستان) ئوتتىرىمىزدا بىر تال ئالما ئالەم ئىچىرە يۇمۇلاق ئىلنىش، ئوتتىرىمىزدا بىر تال ئالما، بەلكى غەم ئۇ ياكى سېغىىنش. ئوتتىرىمىزدا بىر تال ئالما، يېرىمى ...

    ئۇتتىرىمىزدا بىرتال ئالما

    ئامان مەتجان (ئۆزبېكستان)

     

    ئوتتىرىمىزدا بىر تال ئالما

    ئالەم ئىچىرە يۇمۇلاق ئىلنىش،

    ئوتتىرىمىزدا بىر تال ئالما،

    بەلكى غەم  ئۇ ياكى سېغىىنش.

    ئوتتىرىمىزدا بىر تال ئالما،

    يېرىمى قىزىل ،يېرىمى ئاچ يېشىل،

    ھايا تۇغيانىدىن قىزىل ئۇ ،

    ئۇ سېغىنىشنىڭ بەلگىسىدۇر ئېسىل.

    ئتتىرىمىزدا بىر تال ئالما،

    بىغۇبار ئىپپەت، يېشىل تەشنالىق،

    بىر ساڭا، بىر ماڭا سۇنۇلار.

    ئوتتىرىمىزدا بىر تال ئالما،

    كڭر تەگمىگەن شۇنچە پاكىزە

    ھازىرچە ئۇ رەڭلىك. بىر ھەۋەس،

    لەۋ تەگسە باشلىنار مۆجىزە.

    1987.

     

    مەنبە ئۆزبېكستان،تاشكەنت ‹ياش گۋاردىيە›نەشىرياتى، 1990ـ يىل،‹ئوتتىرىمىزدا بىرتال ئالما› ناملىق توپلام

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.