ھىندىستان مۇھەببەت كۈيى(پېرى بېسسىى شېللې)

يوللىغۇچى : Yesimen يوللىغان ۋاقىت : 2010-10-12 13:56:21

  ھىندىستان مۇھەببەت كۈيىپېرى بېسسىى شېللې (ئەنگىلىيە) (1792-1822) 1 شېرىن ئۇيقۇ لەززىتىنى سۈرۈپ ياتسام جىم، كىرىپ قالدىڭ سەن چۈشۈمگە ئويغىنىپ كەتتىم. غۇر- غۇر مەيىن تۈن شامىلى سوقاتتى ئاستا، چاقنار ئىد...

     

    ھىندىستان مۇھەببەت كۈيى

    پېرى بېسسىى شېللې (ئەنگىلىيە) (1792-1822)

     

    1

    شېرىن ئۇيقۇ لەززىتىنى سۈرۈپ ياتسام جىم،

    كىرىپ قالدىڭ سەن چۈشۈمگە ئويغىنىپ كەتتىم.

    غۇر- غۇر مەيىن تۈن شامىلى سوقاتتى ئاستا،

    چاقنار ئىدى سانسىز يارقىن يۇلتۇز بىتىنىم.

     

    كىرىپ قالدىڭ سەن چۈشۈمگە ئويغىنىپ كەتتىم،

    جىن چاپلاشتى تاپىنىمغا، ئەجەپ ئىش دېدىم.

    ئەقىل يەتمەس، ئۇ باشلىغاچ كۆرسىتىپ يولنى،

    كەپقاپتىمەن دېرىزەڭنىڭ تۈۋىگە، جېنىم!

     

    2

    چارچىغانمۇ ئەتراپنى چاڭ كەلتۈرگەن ناۋا،

    بولدى غايىب جىمجىت، خىلۋەت جىلغىلار ئارا.

    قاياققىدۇر كەتتى ئۇچۇپ ئىپارنىڭ ھىدى،

    چۈشۈمدىكى ئاشۇ شېرىن خىيالدەك گويا.

     

    قان تامچىتىپ سايرىشىمۇ دەردلىك بۇلبۇلنىڭ،

    قوزغىمايدۇ يار دىلىدا ھېچقانداق سادا.

    ئۆچەر ھايات شامىم جەزمەن كۆكسۈڭدە ئەي يار،

    چۈنكى بەرگەن چىن ئىشقىمنى پەقەتلا ساڭا!

     

    3

    يۆلەپ مېنى چىمەنلىكتىن تۇرغۇزغىن دىلدار،

    جان ھەلقۇمدا، بولدۇم بىھۇش، قالمىدى مادار!

    ياغسۇن ئىشقىڭ يامغۇر كەبىي سۆيۈش ئىچىدە،

    ياغسۇن دەردتىن تاتارغان لەۋ، كۆزۈمگە تەكرار.

     

    چىرايىمدا قان دىدارى قالمىدى مۇزلاپ،

    يۈرىكىممۇ سىقىلىشتىن دۈپۈلدەپ ئۇرار!

    باغرىڭغا چىڭ باسقىن جېنىم يەنە بىر قېتىم،

    كۆكرىكىڭدە بولار ئاخىر يۈرىكىم سەكپار.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.