كۆچمەن قۇشلار

يوللىغۇچى : aypalta يوللىغان ۋاقىت : 2011-07-11 19:54:52

Göçmen KuşlarMustafa İslamoğluكۆچمەن قۇشلارمۇستافا ئىسلامئوغلۇخەنجەرلەنگەن يارا يۈرەك ئىككى باشبىر يەرگە كەلگەن، سۈرمەس ھېچ زۇۋانيېتىم كۆزلەردىن سورىلار كۆز ياشياغماقتا سىرتتا غەمكىن-غەمكىن قاريا...

     

    Göçmen Kuşlar

     

    Mustafa İslamoğlu

     

     

    كۆچمەن قۇشلار

     

    مۇستافا ئىسلامئوغلۇ

     

     

    خەنجەرلەنگەن يارا يۈرەك ئىككى باش

    بىر يەرگە كەلگەن، سۈرمەس ھېچ زۇۋان

    يېتىم كۆزلەردىن سورىلار كۆز ياش

    ياغماقتا سىرتتا غەمكىن-غەمكىن قار

    يارا يۈرەك، خەنجەرلەنگەن بىر جۈپ باش

     

    بىر قۇش كور قەپەزدە ئاتىسىز قالار

    كاۋاپ بولار بىر قۇشقاچ ئانىسىزلىقتىن

    ئاھ، كۈلمىگەن كۆزلەر يوللاردا قالار

    تۆكۈلەر ياشلىرى ۋاپاسىزلىقتىن

    بىر قۇش كور قەپەزدە ئاتىسىز قالار

     

    كارىۋاتلار لەش كەبى زىندان پۇرايدۇ

    قېيىداشلار، قېيىداشلار ۋە يارىشىشلار

    بىر دوست يۈرىكىمدە سۆيگۈ توقۇيدۇ

    ئەڭ ئاخىرقى قىيالماسلىق ـ كۆز ياشلار

    كارىۋات لەش كەبى زىندان پۇرايدۇ

     

    كۈلكە تەڭ كۈلىنەر ئەي، مىسكىنىم

    يىغا يالغۇز يىغلىنىدۇ، ئۇنۇتما بۇنى

    دوستلۇق قەسىمىگە قويدۇم قولۇمنى

    بۇزمامدۇ ھەسرەت دېگەن ئۇيقۇنى

    كۈلمەك دېمەك- تەستەك يېمەك، مىسكىنىم

     

    قەدەھ، قەدەھ تولدۇرۇلغان زەھەرلەر

    كۆردۈڭ ئىچىلەر،مىت قىلماي كۆزلەر

    بىلىسەن ھالدىشىم، بۇ زالىم شەھەر

    بۇ يەردە تىرىكلەرگە كېپەن پىچىلار

    ھېچ قورقماستىن ئىچىلىدۇ زەھەرلەر

     

    باق، ياش جەرەنلەر قانداق ئوۋلىنار

    زالىم ئوۋچى كېزەر بىزنىڭ باغلاردا

    ئوۋ ئوۋلىغان شۇ قوللارمۇ قۇرۇيدۇ

    بىر پارچە قىزىل داغ قالار قارلاردا

    باق، ياش جەرەنلەر قانداق ئوۋلىنار

     

    قايسى دوست تىككەندۇ، ئاشۇ نوتىنى

    ئۆزىنى قۇچاقلاپ ياشىرىپ تۇرغان

    ئەي، قارا كۈنلەرنىڭ دەرتمەن بالىسى

    سېنىڭ تومۇرىڭمۇ كۈلبەمدە سوققان

    ئېيتقىنا كىم تىككەن ئاشۇ نوتىنى

     

    زەپ ئېچىلماس گۈل ئىكەنغۇ بىزنىڭ بەختىمىز

    قاچانمۇ سۈزۈلەر بۇ قىپقىزىل تاڭ

    يات ئەلدە قۇرۇلدى پايتەختىمىز

    ئازاپ سارىيىدا بىر غېرىپ سۇلتان

    زەپ ئېچىلماس گۈل ئىكەنغۇ بىزنىڭ بەختىمىز

     

    قاپقارا تۇغۇلار ئەمدىكى قۇياش

    ئۆتمەيدۇ ئۈمىتنى ئۆلتۈرگەن ۋاقىت

    ۋەھىمە سالماقتا، بوغماقتا ھايات

    بىلمەيمەن كىم ئۈچۈن چېلىنماقتا ساز

    قاپقارا تۇغۇلار ئەمدىكى قۇياش

     

    ھەيرانمەن، بۇ يامغۇر ياغار نېمىشقا

    بىر جۈپ كۆز يەرلەرنى سۇغۇرۇپ تۇرسا

    چاڭقىغان دىللارغا سۇ سۇنما، ساقى

    كاۋاپ بولسۇن غېرىپنىڭ يانسۇن يۈرىكى

    ھەيرانمەن، بۇ يامغۇر ياغار نېمىشقا

     

    ھەر سەھەر يىراقتىن خوراز ئاۋازى

    ئەسەبىي يالىماقتا رىشاتكىلارنى

    تارىلار يۈسۈفنىڭ قۇتلۇق تىنىقى

    چاقماقتا زۇلەيخا قارا تاملارنى

    يىراقلاردىن كۆيۈك بىر خوراز ئاۋازى

     

    كەل نىمجان قۇشقىچىم، قېيىدىما بەختىڭگە

    ئۇرمىغىن قىيالارغا قانلىق بېشىڭنى

    ئەنقا بولساڭ ئولتۇرمايمەن تەختىڭگە

    سەنلا يوقىتىپ قويمىدىڭ جان يولدىشىڭنى

    كەل نىمجان قۇشقىچىم، قېيىدىما بەختىڭگە

     

    ئەي، بىتەلەي ئېرىقىمنىڭ قارا سۇلىرى

    تولغىنىپ - تولغىنىپ نەگە كېتەرسەن

    سوراپ قالسا ئۇياقلاردا ئەگەر بىراۋلار

    قويۇۋەتمىگەچ كېلەلمىدى دەپ قويارسەن

    ئەي، بىتەلەي ئېرىقىمنىڭ قارا سۇلىرى

     

    مەھبۇس كارىۋىتىم، سېنىڭ سوغۇق يۈزۈڭدىن

    ئارتۇق بىلىمەن ساختا – ساختا كۈلۈشلەرنى

    مەپتۇنى بولدۇم مەن تۆمۈر كېپەننىڭ

    سەندە ياشاپ سەندە ئۆلۈپ كېتىمەن

    مەھبۇس كارىۋىتىم، سېنىڭ سوغۇق يۈزۈڭدىن

     

    كېچە يەنە قۇستى پۈتۈن ئۆچىنى

    ھەر دەقىق جان تالاش، تولغان،تاڭ ئاتقۇز

    ئەپەندى، مال- بىسات دەپ بىلگىن مېنى

    تىزىملىكنىڭ ئەڭ بېشىغا يېزىپ قوي قېنى

    كېچە يەنە قۇستى پۈتۈن ئۆچىنى

     

    دەرتكە ئاشىقمەن، دەرتكە كۆيدۈم مەن

    بۇ سەۋدا چۈشۈرەر قولۇڭغا جانان

     

    سۆرۈلۈپ يۈرمىدىم، لېكىن مەن ھارغىن

    نېچۈن مېنى قوشۇپ كەتتىڭ سېلىڭغا جانان

     

    پەرىشان، پارچە- پارچە ۋە ھارغىن مەن

    نە چارە، قېلىپتىمەن تىلىڭغا جانان

     

    ئەييۇب مەن، يۈسۈف مەن، مەجنۇنمەن لېكىن

    ئاجىزمەن شامىلىڭ ئالدىدا جانان

     

    كۆيدۈممەن، پىشتىممەن، مەپتۇن بولدۇم مەن

    چاچلىرىڭنىڭ ھەتتا بىر تال تېلىغا جانان

     

    قىينىما بۇنچىلىك، قۇربانىڭ بولاي

    يەتمىدىمۇ كۈل قىلىپ سورىدىڭ جانان

     

    دەرتكە ئاشىقمەن، دەرتكە كۆيدۈم مەن

     

    ئەمەلگە ئاشمىغان تىلەكلىرىمنى

    ئېلىڭلار، پەرىشتىلەر، ئېلىپ كېتىڭلار

    سۇلدۇرماڭلار ئېچىلمىغان غۇنچىلىرىمنى

    ئاللادىن دەرتكە دەرمان ئېلىپ كېلىڭلار

    ئەمەلگە ئاشمىغان تىلەكلىرىمنى

     

    پۈتۈن ئۈمىتلەر يوق بولغان يەردە

    ھەيھات، ئۆلۈكلەرمۇ مېڭىپ كېتەرمىش

    ئىشەنمىسەڭ بەرگىن قېنى گۈزەل جاناننى

    كۆڭۈل مازارىمدا كىملەر ياتارمىش

    كۆرسەت، جان ئالغۇچى ئۇ پەرىشتە نەدە

     

    تۇغۇلغان يەرلىرىممۇ ئاشىق بولدىمۇ

    ياكى ئانا يۇرتۇمغا سۇلار ئاقتىمۇ

    سۇلدى، كۈن كۆرمىگەن رۇخسارگۈل سۇلدى

    نۇمۇسىمغا قانچە-قانچە خەنجەر ئۇرۇلدى

    تۇغۇلغان يەرلىرىممۇ ئاشىق بولدىمۇ

     

    پات-پات ئۇچۇپ ئۆتكىن قۇشۇم ئۈستۈمدىن

    مەن ۋاپاسىز، ئەمما يەنە سېغىنىمەن

    سەن بولساڭمۇ تۇز چاچمىغىن كۆڭۈل يارامغا

    كەل، بۈگۈنمۇ سەل تاشمىسۇن كۆزۈمدىن

    پات-پات ئۇچۇپ ئۆتكىن قۇشۇم ئۈستۈمدىن

     

    كۆچمەن قۇشلارنىڭ كۆزلىرى قارا

    چىدا گۈلۈم، چىدىۋەتكىن باھار كېلىدۇ

    مۇھەببەت ئەڭ بۈيۈك ساقايماس يارا

    يارىلانغان قۇشقاچ ھامان ئۆلۈپ كېتىدۇ

    قېنى دەپ باق، قايتالارمۇ قۇشلار باھارغا

     

    بىر گۈزەل چۈشكە ئوخشاش، خىيالغا ئوخشاش

    سەنمۇ كەت جان قۇشۇم، سەنمۇ ئۇچۇپ كەت

    ئىچىم دوست مازارىدۇر يوقتۇر ھېچ تېگى

    ئېسىڭگە كېلىپ قالسام دۇئا قىلىپ قوي

    بەلكى سۇ ئېقىپ قالار، ئىچىم چۆل كەبى

     

    تۈركچىدىن ئايپالتا ئۇيغۇرچىلاشتۇردى.  

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.