Thinking
Walter D Wintle
ئىلاۋە: بۇ شېئىرنى « مەرىپەت» تورىدا ئەركىن سىدىق ئەپەندىنىڭ « غايىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشنىڭ سىرلىق قانۇنىيىتى» ناملىق يازمىسىدا كۆرگەنىدىم، تەرجىمە قىلىپ باقتىم.
ئويلىنىش
ۋالتېر ۋىنتىل
گەر يېڭىلدىم دەپ ئويلىساڭ، راست مەغلۇپسەن،
جۈرئىتىم يوق دەپ ئويلىساڭ، قىلالمايسەن.
ئىستىگىنىڭ ئۇتۇق، لېكىن ئىشەنچىڭ يوق،
ئۇندا بەلكىم زەپەرلەرنى قۇچالمايسەن.
ئۇتالمايمەن دەپ ئويلىساڭ، ئۇتالمايسەن،
بۇ ھېكمەتنى بەرگەن بىزگە بىلسەڭ دۇنيا.
نىيەتلەردىن باشلىنىدۇ غەلبە-ئۇتۇق،
باغلىق بۇنىڭ ھەممىسى شۇ كاللىمىزغا.
مەن قالتىس دەپ ئويلىساڭ، راست قالتىسسەن،
ئۆرلەش ئۈچۈن نەزەر سالغىن چوققىلارغا.
ئۈمىت-ئىشەنچ تولۇپ تاشسۇن يۈرىكىڭدە،
ئېرىشىشتىن بۇرۇن شەرەپ- مۇكاپاتقا.
بۇ ھاياتنىڭ سىناقلىرى نېسىپ بولماس،
ھەر دائىملا كۈچلۈكلەرگە، چاققانلارغا.
غالىپلىق مەنسۇپ بولار ھامان بىر كۈنى،
ئۆز-ئۆزىگە ئىشەنچ بىلەن باققانلارغا.
ئىنگلىزچىدىن ئەنۋەر ھامىت ( ئايپالتا) تەرجىمە قىلدى.
Thinking
by Walter D Wintle
If you think you are beaten, you are
If you think you dare not, you don't,
If you like to win, but you think you can't
It is almost certain you won't.
If you think you'll lose, you're lost
For out of the world we find,
Success begins with a fellow's will
It's all in the state of mind.
If you think you are outclassed, you are
You've got to think high to rise,
You've got to be sure of yourself before
You can ever win a prize.
Life's battles don't always go
To the stronger or faster man,
But soon or late the man who wins
Is the man WHO THINKS HE CAN!
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.