جىمجىت تۈننىڭ مەيىن شامىلى(پوشكىن)

يوللىغۇچى : yalqunazizi يوللىغان ۋاقىت : 2008-01-30 01:25:00

جىمجىت تۈننىڭ مەيىن شامىلى پوشكىن باتۇر روزى تەرجىمىسى جىمجىت تۈننىڭ مەيىن شامىلى، دولقۇن ياساپ ئاقار شىددەتتە. چاپ شاۋقۇنلا گىېۋادۇر دەرياسىمەيلى بولغىنرەسىم ئىچىدە!ئالتۇنرەڭ ئاي بالقىدى ل...

      جىمجىت تۈننىڭ مەيىن شامىلى
      پوشكىن
    باتۇر روزى تەرجىمىسى


      جىمجىت تۈننىڭ مەيىن شامىلى،
    دولقۇن ياساپ ئاقار شىددەتتە.
    چاپ شاۋقۇنلا گىېۋادۇر دەرياسى
    مەيلى بولغىن رەسىم ئىچىدە!


     ئالتۇنرەڭ ئاي بالقىدى لەرزان،
    ئاڭلا،بىرسى چالماقتا گىتار.
    ئەي نەۋقىران ئىسپان گۈزىلى،
    چىق ئايۋانغا،بولۇپ گۈل-ئىپار!

     جىمجىت تۈننىڭ مەيىن شامىلى،
    دولقۇن ياسار گويا شىددەتتە. چاپ!
    شاۋقۇنلا گېۋادۇر دەرياسى رەسىم ئىچىدە.


     پارلاق كۈندەك بالقىسۇن چېھرىڭ،
    ئاچ رومالنى ئۇماق پەرىشتە.
    رىشاتكىنىڭ سىرتىغا چىقار،
    گۈزەل،نازۇك قەددىڭنى يەنە!
    جىمجىت تۈننىڭ مەيىن شامىلى،
    دولقۇن ياساپ ئاقار شىددەتتە.
    چاپ! شاۋقۇنلا گېۋادۇر دەرياسى رەسىم ئىچىدە!

    1824-يىلى

    [admin تەستىقلىدى . 2010-2-13 21:59:37]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر پوشكىن باتۇر روزى