ئەلۋىدا (Elveda)
بەختىيار ۋاھاپزادە
تۈركچىدىن Hechkim تەرجىمىسى
دەيمەنكى، ساپاسى كەتتى ئۆمرۈمنىڭ،
ئەمدى تاغقا كەتتىم، تۈزگە ئەلۋىدا.
تۈزنى تۇمان باسار، تۈزگە قار ياغار...
باھارغا ئەلۋىدا، يازغا ئەلۋىدا...
بەختىيار؛ چوڭقۇرلۇقتا ۋارقىراپ تۇرغان،
يۈرىكى داغلىنىپ يۈرگەن ھەر زامان.
كۆزدە قايغۇ كېزەر، كۆزدە ياش ھامان،
خۇشلۇققا ئەلۋىدا، چۈشكە ئەلۋىدا...
ئەمدى يىلتىزىدىن ئۈزۈلگەن كىم؟ مەن!
يۈز مىڭ چىگىشلەرگە سۈزۈلگەن كىم؟ مەن!
ئەمدى نە سەن سەنسەن، نە مەنمۇ مەنمەن
بىزمۇ بىز ئەمەسمىز، بىزگە ئەلۋىدا.
_______________________________________
1926-يىلى تۇغۇلغان مەشھۇر ئەزەربەيجان شائىرى ۋە يازغۇچىسى بەختىيار ۋاھاپزادە (Bahtiyar Vahapzade) ئالدىنقى ئەسىر ئەزەربەيجان ۋە تۈرك شېئىرىيتىگە چوڭقۇر تەسىرلەرنى قالدۇردى. ئىجادىيەت ھاياتىدا 40 تىن ئارتۇق شېئىر توپلىمى، بىر مۇنچە ئىلمىي ئەمگەكلىرى ۋە ماقالىلىرى ئېلان قىلىندى. ئاساسلىق ئەسەرلىرى تۈرك، رۇس، نېمىس، ئەرمەن، ئىنگلىز، ئۆزبېك، تۈركمەن... تىللىرىغا تەرجىمە قىلىندى.
شائىر 2009-يىلى 13-فېۋرال باكۇدا ئالەمدىن ئۆتتى.
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.