ئوغلىغا خىتاپ

يوللىغۇچى : aypalta يوللىغان ۋاقىت : 2011-08-10 16:13:48

Oğula SeslenişCenk Korayئوغلىغا خىتاپجەنك كوراي ( تۈركىيە)تىرىك پېتى قوللىرىڭىزنى كەستىمۇ ھېچ؟قولىڭىزنى ئوچاقتا كۆيۈۋاتقان ئوتقا تىقىپ باقتىڭىزمۇ؟يوغان، يوغان ئادەملەر تۆمۈر توقماقلار بىلەن بېشىڭىزغ...



     

    Oğula Sesleniş

    Cenk Koray

    ئوغلىغا خىتاپ

    جەنك كوراي ( تۈركىيە)

     

    تىرىك پېتى قوللىرىڭىزنى كەستىمۇ ھېچ؟

    قولىڭىزنى ئوچاقتا كۆيۈۋاتقان ئوتقا تىقىپ باقتىڭىزمۇ؟

    يوغان، يوغان ئادەملەر تۆمۈر توقماقلار بىلەن بېشىڭىزغا ئۇردىمۇ ھېچ؟

    كۆزىگە ھېچنىمە كۆرۈنمەس تەلۋىلەر بارماقلىرىڭىزنى سۇندۇردىمۇ؟

    يەرلەردە سۆرەتكەندە، دۈمبىڭىز تىكەنلىك سىملاردا تاتلاندىمۇ؟

    بىرى كېلىپ قولىڭىزنى كەينىگە قايرىدىمۇ؟ " قاراس" قىلىپ سۇندۇردىمۇ ئاندىن؟

    چارەسىزلىك دېيىلگەن بىردىنبىر رىئاللىق ئېسىلدىمۇ بوينىڭىزغا؟  بىرسى كېلىپ، ئىككى بارمىقىنى كۆزىڭىزگە تىقىپ كور قىلىپ قويدىمۇ سىزنى؟ سىزنى يەردە دۈم ياتقۇزۇپ ئۈستىڭىزگە يوغان تۈگمەن تېشى بىلەن باستۇرۇپ قويدىمۇ ھېچ؟

    ياخشى بىلەنگەن پىچاقنى يۈرىكىڭىزگە تىقىپ ئاندىن 360 گرادۇس ئايلاندۇردىمۇ ھېچ؟

    پۇتلىشىپ يىقىلىپ كەتكىنىڭىزدە، ئۈستىڭىزدىن يۈك ماشىنىسى بېسىپ ئۆتۈك كېتىپ باققانمۇ؟

    سۇ دەپ سىزگە ئۇزۇتىلغان رومكىنى كۆتۈرۈپ ئاغزىڭىزغا يېقىن ئەكەلگىنىڭىزدە ئۇنىڭ كېسلاتا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ باققانمۇ؟

    تۆمۈر چىۋىق بوغۇزىڭىزدىن كېرىپ گەجگىڭىزدىن چىقىپ باققانمۇ ھېچ؟

    يولدا جىم كېتىۋاتسىڭىز، بىرى تۇيۇقسىزلا پەيدا بولۇپ يۈزىڭىزگە كېلىشتۈرۈپ بىرنى سېلىپ باققانمۇ؟

    بالكوندىن چۈشكەن يوغان بىر تەشتەك دەل بېشىڭىزغا چۈشۈپ باققانمۇ؟

    ئۆيىڭىزنىڭ ئۇلۇغ ئوتتا كۆيۈپ كېتىشىگە ئامالسىز قاراپ تۇرۇپ باققانمىدىڭىز؟

    بىر ئادەمنىڭ كەلكۈن سۈيىدە بىر چۆكۈپ، بىر لەيلەپ، تىركىشىپ، تىرمىشىپ ئاخىرى جان بەرگىنىنى كۆرگەنمىدىڭىز؟

    پۈتۈن بۇلار بېشىڭىزدىن ئۆتمىگەن ، سىز كۆرۈپمۇ باقمىغان ئىشلار بولغان تەقدىردىمۇ بىر ئاز ئويلىنىپ بېقىڭ، بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى مېنىڭ بېشىمغا كەلگەن، يەنە كېلىپ بىرلا ۋاقىتتا كەلگەن! 19 يىل دادىلىق مېھرىمنى بەرگەن، ئاللاھنىڭ ماڭا ئامانىتى، جېنىم، گۈلۈم، ھاياتىم،  ياشاش سەۋەبىم، ئەۋلادىم، ئوغلۇم نىھات قۇرۇپ كەتكۈر قوللىرىمدا ئۆلۈپ كەتتى...

     قولىمىزدىن كەلگۈدەك بىر ئىش يوق ئىدى، ئىشىكنىڭ ئەينىكى ئانا تومۇرىنى كېسىۋېتىپتۇ،  قان جىرىلداپ ئاقاتتى، ئۈمىتلىرىم، ئىستىقبالىم، ھاياتىم يەرگە تۆكۈلۈۋاتاتتى، ماڭا يېقىن تۇرۇشى كېرەك بولغان ئوغلۇم مېنى تېرىك تۇرغۇزۇپ ئۆلتۈرىۋاتاتتى...

    بۈگۈن سەندىن ئايرىلغىلى ساق بىر يىل بوپتۇ، 365 كۈننىڭ ھېچبىرىدە مەن سېنى كۆرەلمىدىم، قولۇڭنى تۇتالمىدىم، مەڭزىڭگە سۆيەلمىدىم، باغرىمغا بېسىپ، چىڭ-چىڭ قۇچاقلىيالمىدىم،  ئۆيدە ئولتۇرسام، قۇلۇپقا ئاچقۇچ سېلىنمىدى، ۋە سەن ئىچكىرى كىرىپ كەلمىدىڭ، بىرەر كېچىمۇ ھوجراڭنىڭ چىرىقى يانمىدى، مەن ئىشىكىڭنى ئېچىپ " تېخى ياتمىدىڭمۇ" دەپ سورىيالمىدىم...

      ياشىماق جېنىمنى سىقىشقا باشلىدى، 365 كۈندىن بېرى سەندىن ھېچ خەۋەر يوق، تۇرۇپ-تۇرۇپ مېنى بۇنداق بالدۇر ئۇنتۇپ كەتكەنمىدۇ، دەپ ئويلاپمۇ قالدىم، لېكىن مېنى ئۇنۇتمىغانلىقىڭنى، ئۇنۇتمايدىغانلىقىڭنى مەن ئوبدان بىلىمەن، ھامماڭمۇ، تاغاڭمۇ بىلىدۇ...سەن بار يەر بىلەن يا ئالاقىلاشقىلى بولمىغان...

      كۈنلەر ئۆتمەكتە، ئارسلانىم، ئۆتكەن ھەر مىنۇتنى مېنى ساڭا يېقىنلاشتۇرىۋاتقانلىقى ئۈچۈن ياخشى كۆرۈۋاتىمەن، بۇرۇن ، ۋاقىت بەك تېز ئۆتۈپ كېتىۋاتىدۇ، كۈنلەرنىڭ بېرىدە سەندىن ئايرىلىپ كېتىپ قالىمەن، دەپ كۆڭلۈم يېرىم بولاتتى. ئەمدى ھەممە ئىش دەل ئەكسىچە... ھەممە ئىشقا چىداپ كېتىدىكەن ئىنسان، ئاللاھ ئەنە شۇنداق بىر سەبىر بەرگەنىكەن قۇللىرىغا. لېكىن چىداش مۈمكىن بولمىغان بىر ئىش بار، سېنىڭ سۆيگۈڭدىن مەھرۇم قالماق ۋە بۇنى ھېس قىلماق. ئادەمنى مانا بۇ تېرىك تۇرغۇزۇپ ئۆلتۈرمەكتە.

     

    تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان: ئەنۋەر ھامىت ( ئايپالتا)

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.