نۇرۇللاھ گەنچ: مېنى كۆيدۈرۈشىڭگە

يوللىغۇچى : aypalta يوللىغان ۋاقىت : 2011-07-18 00:56:42

Beni YakışınaNurullah Gençمېنى كۆيدۈرۈشىڭگەنۇرۇللاھ گەنچ ( تۈركىيە)ئۇ سىرلىق يانغىنغا بۇ جان قانداق چىدىدى؟ساھىلگە ئۇردى قەلبىم، سۇ ياندى، قۇممۇ ياندى.شامدەك ئېرىپ ئاقتى يالغۇزلۇقىم،ئۆلۈمگە باش كۆ...



     

    Beni Yakışına

     

    Nurullah Genç

     

     

    مېنى كۆيدۈرۈشىڭگە

     

    نۇرۇللاھ گەنچ ( تۈركىيە)

     

    ئۇ سىرلىق يانغىنغا بۇ جان قانداق چىدىدى؟

    ساھىلگە ئۇردى قەلبىم، سۇ ياندى، قۇممۇ ياندى.

    شامدەك ئېرىپ ئاقتى يالغۇزلۇقىم،

    ئۆلۈمگە باش كۆتۈرگەن دەرتلىك ئۇيقۇممۇ ياندى.

    يۇرتىدىن مەھرۇم قىلىپ كەزدۈردۈڭ جەم كەبى،

    روھىم بىلەن ئۆچتى يالقۇن، ئاندىن روھىممۇ ياندى.

    كۈل بولدى بىر يىگىتنىڭ پىغانى بىلەن پۈتۈن ئۈمىت

    بۇلبۇلنىڭ كۈللىرىگە قونغان ھۇقۇشمۇ ياندى.

    بۇنداق بىر يانغىننى ھەتتا نەمرۇتمۇ كۆرمىدى،

    كاكتۇسنىڭ سايىسىدە ئاھىممۇ ياندى.

    ئاھىم دەپ ئويلار ئىدىم ئەڭ بىتەلەي ئۇچقۇنىم،

    كىرپىكىگە تېگىپ تۇرغان قانلىق ئاھىممۇ ياندى.

    بىر تامچە سۇ بەر ئەي،چۆل!سەن بولساڭمۇ قېيىدىما،

    قالمىدى ھېچبىر نەرسەم، باق،گۇناھىممۇ ياندى.

    يېڭىلىشلار توپان كەبى باستى ئۈستۈمدىن،

    دۆلىتىم يوق بولدى، ھەيھات!

    بارگاھىممۇ ياندى.

    قۇللارنى ھەر ئاخشام تۇمان قىلدى كۆزلىرىڭ،

    بېشىمغا تاج قىلغان پادىشاھىممۇ ياندى.

    تۇنجى قېتىم بۇ شەكىلدە ھەسەن-ھۈسەنگە ئوت كەتتى،

    رەڭلىرىم قارا بولدى ۋە قاراممۇ ياندى.

    ئۇنىڭدىن باشقا نېمەم بولسا ياندى،

    ياندۇق سەن ۋە مەن

    ئۇنى كۆرەي دەپ قىبلىگاھىممۇ ياندى.

     

    تۈركچىدىن ئايپالتا ئۇيغۇرچىلاشتۇردى.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.