قاراڭغۇلۇق قەسىدىسى-فېرناندو پىسسوئا (پورتۇگالىيە)

يوللىغۇچى : YultuzAy يوللىغان ۋاقىت : 2009-02-04 04:16:00

قاراڭغۇلۇق قەسىدىسىفېرناندو پىسسوئا(پورتۇگالىيە 1888-1935) پەرھات ئىلياس تەرجىمىسى زاۋاللىققا قاچانكى يۈز تۇتقاندا بىر مىللەت،قۇۋناق ھايات شادلىقى ئايلىناركەن ئۆتمۇشكە.غەمكىن خىيال- دەردلەگە، سوغۇ...

          قاراڭغۇلۇق قەسىدىسى
    فېرناندو پىسسوئا
    (پورتۇگالىيە 1888-1935)

     پەرھات ئىلياس تەرجىمىسى
     

    زاۋاللىققا قاچانكى يۈز تۇتقاندا بىر مىللەت،
    قۇۋناق ھايات شادلىقى ئايلىناركەن ئۆتمۇشكە.
    غەمكىن خىيال- دەردلەگە، سوغۇق شامال تەسەللى.
    غەمكىن خىيال چۈمپەردە، تۈنكەن بەخىتسىزلىككە.

     

    ئۆتمۇش بىلەن كېلىچەك، ياتتۇر بىزگەبەكمۇ يات،
    ھەتتا بۇگۇن ئۈچۈنمۇ ئويلانغۇدەك كىشى يوق.
    روھى كەتكەن ئۇيقىغا، ئەتراپىداسېپىل-تام،
    ئويغانسىمۇ بەرىبىر ماڭارغا بىر يولى يوق.

     

    كىملەر ئېلىپ قاچتىكىن غۇرۇرىمىز ئوغىرلاپ؟
    سېھىرگەرمۇ، پېرىخون كۆزىمىزنى باغلىغان؟
    كىملەر زادى بىزلەرنى دەرد قوينىغا تاشلىغان؟
    مۈشكۈللۈككە دۇچار قىپ، كۆكىمىزنى قىرقىغان؟

     

    ئەزىمەتلەر، باتۇرلار دەۋران سۇرگەن بىر زامان،
    ئەمدى يىراق ئۆتمۇش ئۇ، كەلمەس زىنھار قايتىلاپ.
    ئېتىقادلىق قەلبىمىز تولغان گۇزەل ئارمانغا،
    ئاھ، كەلسىچۇ ئاشۇ چاغ، ئالساق راسا قۇچاقلاپ.

     

    نە خاتالىق،جىنايەت ئۆتكۈزدىكىن بۇ تارىخ؟
    قالدى بىزگە تۈگىمەس جەبر-زۇلۇم، غېرىبلىق.
    ياكى تەقدىر ئەزەلدىن پۇتۇلگەنمۇ مۇشۇنداق؟
    تۇغۇلغانمۇ بىز كۆرمەي ئۆتۈشكە بىر خۇشاللىق؟

     

    ئېسىمىزدە ھېلىمۇ شۇ چاغدىكى ئۇرۇشلار،
    نىمە قورال ئىشلەتتۇق، ئېسىمىزدەيوق بىراق.
    قۇردۇق قانداق ئارمىيە، قانداق بايراق كۆتۈردۇق؟
    ھەقىقەتكە يات-يوچۇن، ئېسىمىزدە يوق بىراق.
    نېچۈك يەنە بار جازا بىر بىزگىلا پۈتۈكلۈك ؟
    قالدى ئۇندىن دىللاردا جاراھەتلىك دەرد-پىراق...
     

    پەرھات ئىلياس تەرجىمە قىلغان‹يارىلانغان يۈرەك› ناملىق چەتئەل شېئىرلىرى توپلىمىدىن ئېلىندى.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.