ئالتۇنغا قارشى

يوللىغۇچى : nepret يوللىغان ۋاقىت : 2013-11-27 20:36:41

‏(ئابدۇللاھ توقاي ۋاپاتىنىڭ 100 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن يوللاندى)

    \
    ئالتۇنغا قارشى
    ‏ئابدۇللاھ توقاي(1886-1913)
    ‏ تاتارچىدىن مۇساجان ئەزىزى ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان
    ‏(ئابدۇللاھ توقاي ۋاپاتىنىڭ 100 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن يوللاندى)
     
    ‏ئەي خۇدايا! يەر يۈزىدىن ئالغىنە ئالتۇننى ئال، 
    شۇ مۇقەددەس يەر يۈزىن كۆيدۈرگۈچى يالقۇننى ئال.
    ‏ئېيت مۇئەككەللەرگە زېمىننى تازارتسۇن پاكلىسۇن،
    ‏بارچە ئالتۇننى يىغىپ ئاتسۇن دوزاخقا قالمىسۇن.
    ‏شۇ سېرىق شەيتان دوزاختا ئۆرتىنىپ كەتسە ئەگەر،
    ‏تەڭ يوقالسا خوپ ئىدىغۇ، بارچە گۇناھ پىتنىلەر.
    ‏تېنچ قالاردى ئىبلىسۇ شەيتان بىلەنلا بۇ جاھان.
    ‏يۈتسە دۇنيادىن سېرىق ھەممىدىن شۇ بەك يامان.
    ‏ئازدۇرار ئۇ، ھەم بۇزار، بۇ ئەل ئىچىگە ئوت سېلپ،
    ‏توغرا تولدىن تايدۇرار، بىر پارقىراپ كۆزنى چېقىپ. 
    ‏ئايلىنىپ كەزدىم جاھان، يەر قالمىدى مەن كۆرمىگەن، 
    ‏كۆرمىدىم شەيتاننى ئەمما، بار بالا ئالتۇندىكەن.
    ‏ھەر تەرەپ ھەر جايدا ئەل ئالتۇنغىلا قۇل بەندىكەن،
    ‏ھەق كۆرۈنمەس چۈنكى ئالتۇن ھەقنى توسقان پەردىكەن. 
    ‏قارا ئەلگە، سۇپىلىق، تەقۋايۇ ھەق ئالتۇن ئىكەن، 
    ‏ھەق يولى، قۇرئانى ئىنجىل، تەۋرات زەبۇرى شۇ ئىكەن. 
    ‏1907-يىلى قازان
     
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر توقاي