پويىز - ياشېن (رۇسىيە)

يوللىغۇچى : yusufahmad يوللىغان ۋاقىت : 2010-02-12 21:46:40

پويىز ياشېنسوۋېت ئىتتىپاقى، (1913 ـ 1968) پويىزلار ئۆتۈپ كەتتى تالاي ـ تالاي...لېكىن بىز ئايرىلىپ باقمىدۇق پەقەت.ئىككى جايدا ئەمەسمىز،يېزىشىپ باقمىدۇق بىر ـ بىرىمىزگە خەت. ئەمماكۆرۈشۈپمۇ باقمىدۇق ئە...

    پويىز

    ياشېن
    سوۋېت ئىتتىپاقى، (1913 ـ 1968)

    پويىزلار ئۆتۈپ كەتتى تالاي ـ تالاي...
    لېكىن بىز ئايرىلىپ باقمىدۇق پەقەت.
    ئىككى جايدا ئەمەسمىز،
    يېزىشىپ باقمىدۇق بىر ـ بىرىمىزگە خەت.
    ئەمما
    كۆرۈشۈپمۇ باقمىدۇق ئەسلا،
    كۆرۈشمەككە يوقتۇر ھەم پۇرسەت.

    بەلكىم بۇ دۇنيانىڭ بىر جايىدىدۇرسەن،
    لېكىن ھېچكىمگە مەنسۇپ ئەمەسسەن،
    پەقەت مېنىڭ، مېنىڭلىدۇر سەن...
    تۇرقۇڭ قانداق؟
    چىرايىلىقمۇ سەن؟
    رەيىمدىلمۇ؟
    بەلكىم باغرىڭ تاشتۇر ھەقىچان؟
    بەلكىم مېنى كۈتۈۋاتقانسەن؟
    بىراق يالغۇز تەڭرىدىن بۆلەك
    ھېچكىم بىلمەس ۋىسالىمىزنى!
    تونۇمايمەن مەنمۇ ھەم سېنى.

    يىگانىمەن ھېلىمۇ شۇنداق.
    مەنىسىز ئۆتمەكتە بۇ ئۆمرۈم بىراق.
    تەشۋىشلەردىن يوقتۇر قۇتۇلماق.
    ئۇچرىشالماي ئۆتسەك بىر ئۆمۈر،
    باسارمىدۇ بىزنى پالاكەت
    ياكى بەخت ئاچارمۇ قۇچاق؟...

    پويىزلار ئۆتۈپ كەتتى تالاي ـ تالاي،
    ئۇچار ئايروپىلانلار ئاۋازدىنمۇ تېز...
    نەگە باراركىن؟
    تىلەيمەن، ئۆتۈشۈپ كەيمەيلى زىنھار
    بىر ـ بىرىمىزنى تونىماستىن بىز.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر پويىز