ۋەتەن ئۈچۈن

يوللىغۇچى : aypalta يوللىغان ۋاقىت : 2011-07-15 20:36:13

Orhan Veli Kanıkۋەتەن ئۈچۈنئورخان ۋەلى كانىك(تۈركىيە)نېمىلەر قىلمىدۇق شۇ ۋەتەن ئۈچۈن!بەزىمىز ئۆلدۇق؛بەزىمىز نۇتۇق سۆزلىدۇق.كۆزلىرىمكۆزلىرىم ،كۆزلىرىم نەدە؟شەيتان ئېلىپ كەتتى؛ساتالماي قايتۇرۇپ كەلد...



     

     

    Orhan Veli Kanık

     

    ۋەتەن ئۈچۈن

     

    ئورخان ۋەلى كانىك(تۈركىيە)

     

    نېمىلەر قىلمىدۇق شۇ ۋەتەن ئۈچۈن!

    بەزىمىز ئۆلدۇق؛

    بەزىمىز نۇتۇق سۆزلىدۇق.

     

     

    كۆزلىرىم

     

    كۆزلىرىم ،

    كۆزلىرىم نەدە؟

     

    شەيتان ئېلىپ كەتتى؛

    ساتالماي قايتۇرۇپ كەلدى.

     

    كۆزلىرىم،

    كۆزلىرىم نەدە؟

     

    كۈلۈمسرەۋاتىمەن

     

    كوچىدا يۈرگەندە ئۆز-ئۆزۈمگە

    كۈلۈمسىرىگىنىمنى بايقاپ قالغان چېغىمدا

    كىشىلەرنىڭ مېنى ساراڭ دەيدىغانلىقىنى ئويلاپ

    كۈلۈمسىرەۋاتىمەن...

     

    دېڭىز

     

    مەن دېڭىز بويىدىكى ئۆيۈمدە،

    دەرىزىگە قارىماي تۇرۇپمۇ

    سىرتتا ئۆتۈشۈپ تۇرغان قېيىقلارغا

    تاۋۇز قاچىلانغانلىقىنى بىلىمەن،

     

    دېڭىز خۇددى مەن بۇرۇن قىلغاندەك،

    ئەينىكىنى ئۆيۈمنىڭ تورۇسىدا

    كەزدۈرۈپ ئاچچىغىمنى كەلتۈرۈشتىن

    ھوزۇرلىنار.

     

    يوسۇن پۇرىقى

    ۋە ساھىلگە چىقىپ قالغان قارماق دەستىلىرى

    ساھىلدە ياشايدىغان بالىلارغا

    ھېچبىر ئىشنى خاتىرلاتماس.

     

    چۈش

     

    ئانام ئۆلۈپ كېتىپتىمىش چۈشۈمدە

    يىغلاپ ئويغىنىشىم

    ئەسلەتتى ماڭا، بىر بايرام كۈنى ئەتىگەندە

    ئاسمانغا ئۇچۇپ كەتكەن شارىمغا قاراپ

    يىغلىغىنىمنى.

     

    ئايرىلىش

     

    قاراپ قالىمەن كەتكەن كېمىنىڭ ئارقىسىدىن؛

    ئاتالمايمەن ئۆزۈمنى دېڭىزگە، دۇنيا گۈزەل؛

    ئوغۇلبالادارچىلىق بار، يىغلىيالمايمەن.

     

    چىدىغىلى بولغىدەك ئىش ئەمەس

     

    بىلەلمىدىم سىلەرگە قانداق چۈشەندۈرۈشنى؛

    قانداق ئېيتسام، سىلەرگە شۇ دەردىمنى!

    شۇنداق بىر دەرتكى ــــ يۈرەك ئازابى

    بىر دەرتكى دۈشمەن بېشىغا.

    كۆڭۈل يارىسى دېسەم...

    ئەمەس!

    گال دەردى دېسەم...

    ئەمەس!

    بىر دەرتكى...

    چىدىغىلى بولغىدەك ئىش ئەمەس.

     

    تاڭ ئاتقۇچە

     

    شۇ شائىرلار ئاشىقلاردىنمۇ بەتتەر؛

    بۇ خەقتىن نېمە بۇ تارتقۇلۇقلار؟

    نەدە بار بۇنداق، پۈتۈن كېچىنى

    بىر مىسرانىڭ مەھرىمىدە ئۆتكۈزمەك؟

     

    تىڭشا قېنى، ئاڭلىيالامسەن

    ناخشىسىنى تاملارنىڭ، مورىلارنىڭ

    ۋە ياكى چۈمۈلىلەرنىڭ بۇغداي توشۇشلىرىنى

    ئۇۋىلىرىغا؟

     

    كۈتمىسەم بولمامدۇ كۈننىڭ تۇغىشىنى

    كونىراپ كەتكەن قاپىيەلەرنى يوللاش ئۈچۈن،

    ئىشىكىمگە كىلىدىغان ئەسكى-تۈسكىچىلەر بىلەن

    دېڭىز بويلىرىغا؟

     

    شەيتىنىم دەيدۇ:« ئاچ دەرىزىنى

    ۋاقىرا، جاقىرا تا تاڭ ئاتقۇچە.»

     

    تۈركچىدىن ئايپالتا ئۇيغۇرچىلاشتۇردى.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.