ئافىنا قىزى(بايرون)

يوللىغۇچى : Yesimen يوللىغان ۋاقىت : 2010-11-14 23:18:50

ئافىنا قىزى گئورگى گوردۇن بايرون  1*بۇ بايرۇن شېئىرلىرى ئىچىدىكى ئەڭ كەڭ تارقالغان شېئىر بولۇپ، بەش-ئالتە خىل نوتىغا سېلىنىپ ئېيتىلغان. بايرۇن ئافىنادا سېۋدىلا ماكارې ئىسىملىك بىر تۇل ئايالنى...


    ئافىنا قىزى

    گئورگى گوردۇن بايرون

     

    1*بۇ بايرۇن شېئىرلىرى ئىچىدىكى ئەڭ كەڭ تارقالغان شېئىر بولۇپ، بەش-ئالتە خىل نوتىغا سېلىنىپ ئېيتىلغان. بايرۇن ئافىنادا سېۋدىلا ماكارې ئىسىملىك بىر تۇل ئايالنىڭ ئۆيىدە تۇرغان بولۇپ شائىر ئۇ ئايالنىڭ تىروشا ئىسىملىك چوڭ قىزىنى «ئافىنا قىزى» دەپ ئاتىغان .

     

    ئافىنا قىزى*

    سەن ئەمەسمۇ جېنىم مېنىڭ ئىشقىڭدا مەن لال

    1

    ئەي ئافىنا قىزى ئۇشبۇ ھىجران ئالدىدا

    يۈرىكىمنى قايتۇرۇپ بەر ئۆزۈمگە دەرھال!

    ۋە ياكى ئۇ بولغاندىكىن مېنىڭدىن جۇدا ،

    قالدۇرماستىن ھەممىنى ئال قالغاننىمۇ ئال !

    خوش دىگۈچە قىلاي ئىزھار قەسىمىم ئاڭلا :

    سەن ئەمەسمۇ جېنىم مېنىڭ ئىشقىڭدا مەن لال.

    2

    يايما بۈدرە چاچلىرىڭنى ئۆتىدۇ تاراپ،

    ھەردەم ئېگەي دېڭىزىدىن كەلگەن شوخ شامال ،

    تال- تال ئۇزۇن كىرپىكىڭگە تويمايمەن قاراپ ،

    ئۇ ئاناردەك چىرايىڭنى سۆيەر بىمالال،

    بېقىپ جەرەن كۆزلىرىڭگە ئېيتىمەن يايراپ:

    سەن ئەمەسمۇ جېنىم مېنىڭ ئىشقىڭدا مەن لال

    3

    بىر سۆيۈشكە تەشنا قىلغان لەۋلىرىڭ ياقۇت ،

    ئەۋرىشىمدۇر بېلىڭ ، زىبا بويۇڭ مەجنۇنتال،

    رىشتىمىزنى باغلىغۇچى كۆركەم گۈلۈڭ تۇت *

    بۇڭا ھەممە سۆز-ئىبارە بولالماس ھىچ دال.

    دەيمەن ئىشقىڭ غەم قايغۇسى قىلسىمۇ نابۇت ،

    سەن ئەمەسمۇ جېنىم مېنىڭ ئىشقىڭدا مەن لال.

    4

    غېرىپسىنىپ قالساڭ،مېنى ئەسلەپ تۇر ھامان ،

    ئەي ئافىنا قىزى ، خەيرىخوش بۇندا ياخشى قال .

    كېتىۋاتقان بولساممۇ مەن ئىستانبول تامان ،

    قىلدى پۈتۈن ۋۇجۇدۇمنى ئافىنا قامال .

    قانداقلارچە سۆيمەي سېنى ؟ سۆيىمەن جانان!

    سەن ئەمەسمۇ جېنىم مېنىڭ ئىشقىڭدا مەن لال.

    2*گىرىتسىيىدە قىزلار بىرەر سوۋغات ئارقىلىق قەلبىدىكى سۆزلەرنى ئىپادىلەيدۇ .مەسىلەن:يىگىتكە بىر تال شاخار بېرىش ئارقىلىق «مەن ئىشقىڭدا كۆيىۋاتىمەن»دىگەن مەنىنى بىلدۈرسە، چېچى بىلەن باغلانغان بىر دەستە گۈل بېرىش ئارقىلىق «مېنى بىللە ئالغاچ كەت» دىگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ .

    -------------------------------------

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.