تۈرك شېئىرلىرى (1) بىزنىڭ ياشىغىنىمىز

يوللىغۇچى : aypalta يوللىغان ۋاقىت : 2011-06-27 17:13:30

Bizim Yaşadığımızİbrahim Sadriبىزنىڭ ياشىغىنىمىزئۇيغۇرچە تورلاردا بۇ شېئىر دەسلەپتە تۈركىيەباش مىنىستىرى ئەردوغاننىڭ نامىدا ئېلان قىلىنغان، ئەمما ئەسلىدە بۇ شېئىرنى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەمەس ئىبراھ...

    Bizim Yaşadığımız

      İbrahim Sadri

     بىزنىڭ ياشىغىنىمىز

     

    ئۇيغۇرچە تورلاردا بۇ شېئىر دەسلەپتە تۈركىيە باش مىنىستىرى  ئەردوغاننىڭ نامىدا ئېلان قىلىنغان، ئەمما  ئەسلىدە بۇ شېئىرنى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەمەس ئىبراھىم سادرى (ibrahim sadri)يازغان بولۇپ، ئەردوغاننىڭ ئۆز ئاۋازى بىلەن ئوقۇشى تورلاردا بۇ شېئىر ئەردوغاننىڭ دېگەن خاتا تونۇشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىكەن.

     

     بىزنىڭ ياشىغىنىمىزمۇ ھاياتتۇر، قېرىندىشىم 

     بىزمۇ نەپەسلەنمەكتىمىز

     ھەر ئىنسان كەبى سۆيۈۋاتىمىز، سۆيۈلگۈدەك نەرسىلەرنى

     گۈل -گىياھنى، ئوت- چۆپلەرنى، يەرنى، قۇرت- قوڭغۇزلارنى

     قۇربان ھېيتتىكى خېنە يېقىلغان قوچقارلارنى

     باشلىرى كەشتىلىك ياغلىقلار بىلەن ئورالغان

     چاچلىرى  ئاپئاق، پىشانىسىنى قورۇقلار باسقان

     دەرىزە تۈۋىدە  ئوغۇللىرىنى كۈتۈۋاتقان ئانىلارنى.

     

     يۈرىكىم  ئېچىشىپ تۇرسىمۇ، قېرىندىشىم

     كۆڭلۈم  ئېلىشسىمۇ

     ئەنسىرەپ، خۇدۈكسىرەپلا يۈرسەممۇ

    قېلىن- قېلىن كىتاپلارغا كۆرە

     ئاجايىپ جىنايەتلىرىم بولسىمۇ

    ھاۋادا خا ئىنلىق، سىرتتا  ئاپتاپ

    تامدا خەتلەر

    قەلبىمىزدە  ئازاپلار بولسىمۇ

    بىزنىڭ ياشىغىنىمىزمۇ ھاياتتۇر، قېرىندىشىم .

     

    خېتىڭ كەلدى،  ئايلاردىن  ئىيۇن

    ھېچكىشىگە كۆرسەتمىگەن  ئاق چاچلىرىڭنىڭ بۈدرەلىرىدىن

    خەۋىرىڭ كەلدى

    خەۋىرىڭ كەلدى،  ئىككى تامچە يېشىڭ قەغەزدە

    جىق قارايسەن يامغۇر ياققاندا

    ھۆل ۋە ھور باسقان  ئەينەكلەردىن، بىلىمەن

    بىلىمەن،  ئازاپ

    قانداق تولىدۇ  ئادەم قەلبىگە

    نېمە بوپتۇ،  ئەمدى

    ئوبدان تۇردۇم دېدىمغۇ  ئانا

    ئادەم راستىنلا  ئوبدان  بوپ قالىدىكەن، ئوبدان تۇردۇم دېگەنچە

    كۆڭلۈڭنى بۇزما

    يەنە بىر دەي

    ئۆتۈنەي، كۆڭلۈڭنى بۇزما

    ئانىلارنىڭ كۆڭلى بۇزۇلماس

    ئوغۇللىرى بۇزما دېگەنچە .

      

     بىزنىڭ ياشىغىنىمىزمۇ ھاياتتۇر، قېرىندىشىم 

     بىزمۇ نەپەسلەنمەكتىمىز

     ھەر ئىنسان كەبى سۆيۈۋاتىمىز، سۆيۈلگۈدەك نەرسىلەرنى

     گۈل -گىياھنى، ئوت- چۆپلەرنى، يەرنى، قۇرت- قوڭغۇزلارنى

     قۇربان ھېيتتىكى خېنە يېقىلغان قوچقارلارنى

     باشلىرى كەشتىلىك ياغلىقلار بىلەن ئورالغان

     چاچلىرى  ئاپئاق، پىشانىسىنى قورۇقلار باسقان

     دەرىزە تۈۋىدە  ئوغۇللىرىنى كۈتۈۋاتقان ئانىلارنى. 

      

    تۈركچىدىن ئايپالتا ئۇيغۇرچىلاشتۇردى.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.