چىن دىلىمدىن سۆيگەچكە سېنى (شېئىر)- داۋىد ئوۋادىيا

يوللىغۇچى : YusufAhmad يوللىغان ۋاقىت : 2009-04-06 22:00:00

چىن دىلىمدىن سۆيگەچكە سېنى داۋىد ئوۋادىيا (بولغارىيە ) چىن دىلىمدىن سۆيگەچكە سېنى،كۆرۈنىسەم شۇنچە چىرايلىق باشقىلارمۇ ھەۋەس ‏- زوق بىلەن قارىشىدۇ ساڭا خۇش ــ ئىللىق. چىن دىلىمدىن سۆيگەچكە سېنى...

    چىن دىلىمدىن سۆيگەچكە سېنى
    داۋىد ئوۋادىيا (بولغارىيە )

    چىن دىلىمدىن سۆيگەچكە سېنى،
    كۆرۈنىسەم شۇنچە چىرايلىق
    باشقىلارمۇ ھەۋەس ‏- زوق بىلەن
    قارىشىدۇ ساڭا خۇش ــ ئىللىق.


    چىن دىلىمدىن سۆيگەچكە سېنى،
    ياش پېتىڭچە تۇرىسەن شۇنداق!
    يوق چېھرىڭدە نە بىرەر قورۇق،
    چاچلىرىڭدا نە بىرەر تال ئاق.


    چىن دىلىمدىن سۆيگەچكە سېنى
    ، شۇنچە گۈزەل سېنىڭ جامالىڭ!
    لېكىن ھەرگىز كەتمە كۆرەڭلەپ،
    ھىيلىلەرگە تولمىسۇن دىلىڭ!


    مۇھەببىتىم يوقالسا ئەگەر
    ، شۇئان قرېرىپ بولىسەن موماي،
    خازان بولۇر گۈلدەك جامالىڭ!

    پەرھات ئىلياس تەرجىمە قىلغان

    «يارىلانغان يۈرەك» ناملىق شېئىرلار توپلىمىدىن ئېلىندى .

    [admin تەستىقلىدى . 2010-3-2 12:11:16]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر داۋىد ئوۋادىيا