بىر ئازدىن كېيىن كۈن تۇغىدۇ

يوللىغۇچى : aypalta يوللىغان ۋاقىت : 2011-07-02 18:53:22

Bir Azdan Gün DoğacakErdem Beyazitبىر ئازدىن كېيىن كۈن تۇغىدۇئەردەم بەيازىت ( تۈركىيە)بىتون تاملار ئارىسىدا بىر گۈل ئېچىلدىسىلەر قەھرىمانلىرى چىشلىق چاقلار ئارىسىدا تىركەشكەن ئىنسانىيلىقنىڭچېچىڭلار ئىز...

     

    Bir Azdan Gün Doğacak

    Erdem Beyazit

     

     بىر ئازدىن كېيىن كۈن تۇغىدۇ

     

    ئەردەم بەيازىت ( تۈركىيە)

     

    بىتون تاملار ئارىسىدا بىر گۈل ئېچىلدى

    سىلەر قەھرىمانلىرى چىشلىق چاقلار ئارىسىدا تىركەشكەن ئىنسانىيلىقنىڭ

    چېچىڭلار ئىزتىراپ دېڭىزىدا بىر تۇتام باشاق

    قوللىرىڭلار يىلتىز تارتقان دەرەخلىرىدۇر زامانغا

    ئاشۇ  ئىتىقاد دەۋرىنىڭ.

     

    زامان ئاقار، يەر تىركىشەر، كۆك يۈزى قانات كېرەر

    ئۆلۈمسىز گۈللەرنى توشۇيسىلەر كۆكسىڭلەردە

    زۇلمەت ئورمانىدا ئىمان قۇياشىدۇر كۆزۈڭلار

    تىنىقىڭلار ئۈمىتسىز جەرەنلەرنىڭ كۆز يېشىغا قولياغلىق.

     

    كۈن تۇغار، شامال چىقار، بۇلۇت توپلىشار

    رەھمەت ناخشىسى ئېيتار يامغۇرلار

    پىشانەڭلار ئەڭ كۈچلۈك قارشىلىقتۇر تۆمۈر،چۆيۈنگە.

    شاۋقۇن بېسىقار،ئاۋاز ئۆچەر، سۆيگۈ ئۇرۇقلىرى بىخلىنار

    ئاۋازسىز بومبىدۇر، سۆزلىشەر تېرەنلەردە.

     

    ئەي، سەۋرچان تۇپراقلىرىمىزنىڭ مۇقەددەس دەرىخى

    سەن بىزگە ھاياتسەن،ئۈمىتسەن، مازارلاردەك چۇڭقۇر

    بىزنى بىر قىلغان، تىرىلدۈرگەن ھەم سەن

    بىز ئۈستىدە ئۇخلىغان قۇش پەيلىرى رەڭگىدىكى ھارارىتىڭ

    ئەي، تومۇرىمىزدا قېتىپ قالغان مۇز چىراي ھەيكەللەر شەھىرى

    ھالاك بولغاندىن كېين مەن پاناھ تىلىگەن شەپقەت ئانىسى

    ئەي ، تاغلارنى تەۋرەتكەن، تاشنى قۇم قىلغان شامال

    ئەي، ئالەمنى قاتۇرغان نۇر، يەرگە جان بەرگەن قول.

     

    كۈن كېلەر، يەر ئويغىنار، ئويغىنار قۇرت-قوڭغۇز

    بوز دالا تىترەر،قاقاس تاغ ياشىرار

    كۆك پاكلىنار كىرلەشكەن تۇمانلاردىن

    سۇ شوخ ئاقار، دېڭىز تاشار، جانلىنار ئۆلۈك شەھەرلەر

    ياپيېشىل بىر شامال چىقار يۇلتۇزلارنىڭ  ئارىسىدىن.

     

    خۇشخەۋەرگە ھامىلدار ھازىر سىلەر

    يالغانچىلىقنىڭ پولات دۇمبىقى چوقۇم يېرىلار

    ھويلاڭلاردا چوڭ بولىدۇ  ئىماننىڭ قۇياش يۈزلۈك بالىسى.

     

    تۈركچىدىن ئايپالتا ئۇيغۇرچىلاشتۇردى.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.