مىڭ بىر كېچىدىن-----

يوللىغۇچى : AQURUK يوللىغان ۋاقىت : 2009-02-03 12:33:00

مىڭ بىر كېچىدىن---- كىمكى كەمبەغەلدۇر ، كۆپ كىشى ئۇندىن ھەزەر قىلغاي، «گادا»دەپ ئات قويۇپ ھەركىم، ئاڭا تەتۈر نەزەر قىلغاي. يېپىقتۇر بار ئىشىكلەر ئاڭا، گەرچە بىگۇناھدۇر ئۇ، قەيەرگە بارسا شادلىقت...

    مىڭ بىر كېچىدىن----

     كىمكى كەمبەغەلدۇر ، كۆپ كىشى ئۇندىن ھەزەر قىلغاي،
    «گادا»دەپ ئات قويۇپ ھەركىم، ئاڭا تەتۈر نەزەر قىلغاي.

     يېپىقتۇر بار ئىشىكلەر ئاڭا، گەرچە بىگۇناھدۇر ئۇ،
    قەيەرگە بارسا شادلىقتىن ئەسەر يوق بىناۋادۇر، ئۇ .

     قىلۇرلا ئار‏-نومۇس سۆزلەشكىلى قوۋم-قېرىنداش ھەم،
    ئىلاھا كەمبەغەللىك كۆرمىسۇن قېرى -ياش جىمى ئادەم .

     ***

     قىينىغاي تەقدىر سېنى گەر كاتتا مەنسەپدارسەن،
    بولما كىم ، تەقدىر قولىدا دائىمى ئەبگارسەن .

    قاچ خاتا يولدىن ، ئەلەم-غەمدىن دىلىڭنى ئەيلە پاك،
    بىل بۇ تەقدىرنىڭ قولىدا بولدى سەندەكلەر ھالاك.

    پارچە-پۇرات گۇناھ نۇقسانلار قىلۇر بەختىڭ خاراب،
    ئۆزگىرىشچاندۇر . بۇ ئالەم ياكى ئاستا ،تېز ،ئالدىراپ.

     ***

    بارچە بىلەن دوست‏-ئىناق ئۆتمەكنى قانچە ئىستىسەم،
    بۇ مېنىڭ ئىستەكلىرىمگە قارشىدۇر ھەسەت تامام.
     پىتنە‏-غەيۋەتخور بىلەن دوستانە ئۆتمەك بەك قىيىن ،
    ئىككىسى زەھەر چېچىپ ، كۆڭلۈمگە بەرمەيدۇ ئارام.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق