كۆرگەن ئىدىم يىغلىغىنىڭنى(بايرون)

يوللىغۇچى : Yesimen يوللىغان ۋاقىت : 2010-09-23 01:34:10

كۆرگەن ئىدىم يىغلىغىنىڭنى* گئورگى گوردۇن بايرون شېئىرلىرىدىن   * بايرون ھىسىياتچان ۋە قوپالراق بولغاچقا ئۇنىڭ سىياسى كۆزقارىشى ۋە شەخسىي تۇرمۇشىدا ئۇچرىغان تۆھمەتلەر تۈپەيلىدىن كىشىلەر ئۇنى چ...

    كۆرگەن ئىدىم يىغلىغىنىڭنى*

    گئورگى گوردۇن بايرون شېئىرلىرىدىن

     

     * بايرون ھىسىياتچان ۋە قوپالراق بولغاچقا ئۇنىڭ سىياسى كۆزقارىشى ۋە شەخسىي تۇرمۇشىدا ئۇچرىغان تۆھمەتلەر تۈپەيلىدىن كىشىلەر ئۇنى چۈشەنمەيدۇ. شۇڭا <<ئۇ ساراڭ>> دېگەن سۆز - چۆچەكلەر كەڭ تارقىلىپ كېتىدۇ. بايروننىڭ بۇ سۆز - چۆچەكلەرنى ئاڭلاپ كۈلگىسى كېلىدۇ. ئۇ دوست - بۇرادەرلىرىگە : <<ساراڭنىڭ قانداق نەرسىلەرنى يازالايدىغانلىقىغا قاراپ بېقىڭلار>> دەپ قولىغا قەلەم ئالىدۇ - دە، پەلەككە بىر پەس كۆز تىكىپ تۇرغاندىن كېيىن، ئىلھامى ئۇرغۇپ بۇ شېئىرنى يېزىپ چىقىدۇ، بۇنىڭ بىرەر بوغۇمىنىمۇ ئۆزگەرتىپ باقمايدۇ.

     

     

     

     

    كۆرگەن ئىدىم يىغلىغىنىڭنى*

    1

    كۆردۈم يىغلاپ تۇرغىنىڭنى -- يالتىرايتتى ياش

    تولۇپ كۆپكۆك، شەھلا كۆزۈڭ چاناقلىرىغا.

    ئويلىغانتىم، ئەمەسمۇ بۇ شەبنەمگە ئوخشاش

    چاقنىغىنى قونۇپ گۈلنىڭ ياپراقلىرىغا.

    كۆرگەن ئىدىم كۈلگىنىڭنى -- ھالرەڭ گۆھەر تاش،

    ئالدىڭدا ئوت بېرەلمىگەن چاقماقلىرىڭغا.

    ئېخ، گۆھەر تاش چاقناشلىرى قانداقچە تەڭداش

    بولالىغاي شوخ قارىشىڭ پىراقلىرىغا.

     

     

    2

     

     

    بۇلۇت يىراق ئۇپۇقتىكى قۇياشتىن گويا

    ئۆز ھۆسنىگە ئالغىنىدا قېنىق ، كۆركەم رەڭ؛

    سايە تاشلاپ گۇگۇم يېقىن كەلسىمۇ ئاستا،

    ھەيدىيەلمەي ئۇنى ھالى بولغىنىدەك تەڭ؛

    ساپ - بىغۇبار شاد - خوراملىق قىلغانتى ئاتا،

    غەمگە سىرداش ۋۇجۇدۇمغا يېقىملىق كۈلكەڭ.

    رۇخسارىڭدىن چاقنىغان نۇر قالدۇردۇڭ ماڭا،

    زەر تۆككەندەك قۇياش قەلبىم ئاسمىنىغا كەڭ.

     

    ----------------------------------------------------------------------

     

    قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 1984-يىلى نەشر قىلغان « خەزىنە گىرۋەكلىرى » دىن ئېلىندى.  مۇھەممەدئىمىن تەرجىمىسى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.