ئىليوت شېئىرلىرى

يوللىغۇچى : yalqunazizi يوللىغان ۋاقىت : 2008-04-09 16:36:00

ئاپتۇرى : ت.س.ئېلىيوت تەرجىمان : باتۇر روزى رۇجەكتە سەھەر ئۇلار سەھەر يەر ئاستىدا ئاشخانا ئىچرە ، تاراقشىتار تەخسىلەرنى خۇددى ساز ساناپ . ئاۋاز ئۇچار يىراقلارغا سەھەر بەرقىدە ، توپ -توپ ئادەم ...

    ئاپتۇرى : ت.س.ئېلىيوت
    تەرجىمان : باتۇر روزى

     رۇجەكتە سەھەر
    ئۇلار سەھەر يەر ئاستىدا ئاشخانا ئىچرە ،
    تاراقشىتار تەخسىلەرنى خۇددى ساز ساناپ .
    ئاۋاز ئۇچار يىراقلارغا سەھەر بەرقىدە ،
    توپ -توپ ئادەم كېتىپ بارغان كوچىنى بويلاپ .

     بىلدىم ،بىخلار نەمخوش روھى مالاي قىزلارنىڭ
    غەمكىن ھال ،يەر ئاستى تۆمۈر ئىششىككە قاراپ .
    قوڭۇر رەڭلىك تۇمانلارنىڭ دولقۇنى
    ماڭا ئاتار -ئاتار ئاي يۈزلەرنى
    كوچا ئاستىدىن قاسماق كۆينەك كەيگەن بىرى
    - يولۇچى تېنى
    تۆككەن خامۇش تەبەسسۇملار پىقىرار كۆكتە
    ۋە توقىلار ئۆگزىلەرنىڭ تەكشى يۈزىدە

    دېڭىز ئېتى

    دېڭىز ئېتى بەللىرى سېمىز
    دۈم يېتىپ دەم ئالار پاتقاقتا ؛
    كۆرۈنۈشتە بولسىمۇ ھەيۋەت ،
    تايىنلقتۇر بەدىنى ئەمما .

    مىجەمۇرۇق بەدىنى ئۇنىڭ ،
    ھاياجانغا بېرەلمەس بەرداش .
    نۇقسانسىزدۇر ھەقىقى چىركاۋ ،
    ھۇل بولسىمۇ ئاڭا قورام تاش .

     بەلكىم ماڭغان خاتا يولدا ئات ،
    ماددى مەقسەت قوغلىشىپ ھامان .
    چىركاۋ ئۆزى سوزمىسىمۇ قول
    كېلەر پايدا ياساپ زور قىيان .

    ئۇ بىھۇدە ھەر كۈنى شۇنداق ،
    شاخلاردىكى ئەنبەرنى كۆزلەر .
    سىرىتتىن كەلگەن شاپتۇل ۋە ئانار ،
    چىركاۋلارنى كۈلدۈرۈپ ئۆتەر .

    كۈيلىگەن دەم چىقىرايدۇ ئات ،
    ئاۋازلىرى ياۋايى گىچماچ .
    چىركاۋ كۈيلەر ھەر يەكشەنبە شاد
    تەڭرى بىلەن بىر گەۋدە بولغاچ ..

     ئات كۈندۈزدە ئۇخلايدۇ راسا ،
    كېچىدىلا ئىزدەيدۇ يىمەك .
    تەڭرىدە بار قالتىس كارامەت ،
    چىركاۋ ھەم يەر ،ھەم ئۇخلار دىمەك .

     كۆردۈم ئاتقا چىققاننى قانات ،
    سازلىقلاردىن ئۇچتى كۆك تامان .
    ئۇنى ئوراپ كۈيلەر بەزىلەر ،
    كۈي تەڭرىگە يوللار ئارمىغان .

     يۇدى ئۇنىڭ ئەيسا قېنى ،
    باستى ئۇنى كۆكسىگە جەننەت .
    زەر تارىنى چېكەر چىلتارنىڭ ،
    ئۇ پەيغەمبەر ئارا تىكلەپ تۇرار قەد .

     يۇيۇنار ئۇ قار كەببى ئاپئاق ،
    سۆيەر ئۇنى پىداكار قىزلار .
    پانىيدۇر ھەقىقى چىركاۋ ،
    تۇمان ئارا چۆككەندۇر زىنھار .

     تۇرپان ژورنىلى 1999 -يىلى 3-سان . مەسئۇل مۇئەرىر : ئەكپەر داۋۇت تەنھا

    --------------- بۇ شېئىرنى دوستىمىز ئابدۇشكۇر .قاۋۇلنىڭ تېنىغا ساقلىق ،ئىجادىيتىگە ئۇتۇق تىلەپ بىرلىكتە ھوزۇرلۇنۇش ئۇچۇن يوللۇدۇم .

    [admin تەستىقلىدى . 2010-2-14 17:55:35]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.