‏‏قەدىرلەيمەن

يوللىغۇچى : gulsum يوللىغان ۋاقىت : 2013-09-23 11:07:17

ھىدايەتتە پاك ياشاپ ئۆتسەڭ، دەرىتكە شىپا سەبىر يەتكۈزسەڭ. كۆرۈنمەيدۇ ئۇششاق نۇقسانىڭ، قەدىرلەيمەن قەدرىمگە يەتسەڭ.


    \
    -ئابدۇۋەلى رېھىم  ‏
    [ئۆز ئىجادىيىتىم]

    قەدىرلەيمەن قەدرىمگە يەتسەڭ، 
    ھەق ئۈچۈن ھەۋەستىن كەچسەڭ.
    دۇنيالىقتا بىر يولدا ياشاپ،
    ئىسلام ئىچرە ماڭا ئەگەشسەڭ.

    كەمچىلىكىم تولۇقلاپ كەتسەڭ،
    ئىمانىمغا ئىمان يار ئەتسەڭ.
    ئازماق بولسام تارتىپ بەرھەققە،
    جەننەت ئۈچۈن ماڭا ئەگەشسەڭ.

    ھىدايەتتە پاك ياشاپ ئۆتسەڭ،
    دەرىتكە شىپا سەبىر يەتكۈزسەڭ.
    كۆرۈنمەيدۇ ئۇششاق نۇقسانىڭ،
    قەدىرلەيمەن قەدرىمگە يەتسەڭ

    2013-يىل 14-ئاۋغۇست شاياردىن ئۈرۈمچىگە سەپەر ئۈستىدە                                                            
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.