ئىسمائىل مەھمۇد لىرىكىلىرى(ئۆزبېكىستان)

يوللىغۇچى : yesimen يوللىغان ۋاقىت : 2010-08-28 11:01:03

لىرىكىلار ئىسمائىل مەھمۇد (ئۆزبېكىستان)ئەزىزى تەرجىمىسى بەلكىم بۇنىڭدىن ئون يىللار بۇرۇن بولسا كېرەك، قەشقەرگە قىلغان بىر قېتىملىق سەپىرىمدە ئادىتىم بويىچە كونا كىتاب بازىرىنى ئارىلاپ يۈرۈپ ...


    لىرىكىلار

    ئىسمائىل مەھمۇد (ئۆزبېكىستان)
    ئەزىزى تەرجىمىسى

        بەلكىم بۇنىڭدىن ئون يىللار بۇرۇن بولسا كېرەك، قەشقەرگە قىلغان بىر قېتىملىق سەپىرىمدە ئادىتىم بويىچە كونا كىتاب بازىرىنى ئارىلاپ يۈرۈپ بىر كىتابپۇرۇشنىڭ ئالدىدىن ئۆزبېكىستاندا نەشر قىلىنغان ئالىقانچىلىك چوڭلۇقتىكى، بار - يوقى 40 نەچچە بەتلىك بىر شېئىرلار توپلىمىنى سېتىۋالدىم. ئىسمائىل مەھمۇد ئىسىملىك ئاپتورغا تەۋە بولغان بۇ كىتابنىڭ ئىسمى «شولا» بولۇپ، ئاستىغا ئۇششاق ھەرپلەر بىلەن «ئاپتورنىڭ تۇنجى كىتابى» دەپ يېزىپ قويۇلغانىكەن. مەن كىتابنى بىر قۇر ئوقۇپ چىقتىم. ئۇنىڭغا كىرگۈزۈلگەن شېئىرلاردا شائىرنىڭ ياشلارغا خاس ئۇرغۇپ تۇرغان ھېس - تۇيغۇلىرى ساددا، ئەمما يارقىن لىرىك كەيپىياتتا ئۆز ئىپادىسىنى تاپقانىكەن. كىتابنىڭ كەينىگە شائىرنىڭ كىچىككىنە رەسىمى ۋە شائىر ھەققىدە قىسقىغىنە مەلۇمات بېرىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭغا «مەرغىلانلىق شائىر ئىسمائىل مەھمۇد 1949 - يىلىدا تۇغۇلغان. 1973 - يىلى ۋ. ئى. لېنىن ناملىق تاشكەنت دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ژۇرنالىستلىق فاكۇلتېتىنى تۈگەتكەن. ھازىر غاپۇر غۇلام نامىدىكى ئەدەبىيات ۋە سەنئەت نەشرىياتىدا ئىشلىمەكتە» دەپ يېزىلغانىكەن. شۇنىڭدىن بېرى، مەن بۇ كىتابنى ئارىلاپ - ئارىلاپ ئوقۇپ يۈردۈم.

        مۇشۇ ئارىدا ئاتاقلىق ئەدەبىي ئوبزورچى، ساداقەتمەن ئەدەبىيات شەيداسى مۇھەممەت پولات ئەپەندى بىرنەچچە پارچە كىتابنى ماڭا بېرىۋېتىپ «مۇنۇ كىتابلار سىزگە خاتىرە بولۇپ قالسۇن، ئەلۋەتتە سىز بۇ كىتابلارنىڭ قەدرىگە ئەڭ ياخشى يېتىسىز» دېدى ۋە ئارىدىن بىر كىتابنى قولىغا ئېلىپ «مانا بۇ شېئىرلار توپلىمىنىڭ ئاپتورى ياخشى شائىر، ئۆزى ئۆزبېكىستانلىق ئۇيغۇر، ئۆزبېك تىلىدا يازىدۇ، سىز ئوقۇپ چىقىپ مۇمكىن بولسا بىر قىسىم شېئىرلىرىنى تەييارلاپ بىزنىڭ ئوقۇرمەنلەرگە تونۇشتۇرسىڭىز ئەرزىيدۇ» دېدى. كىتابنى قولۇمغا ئېلىپ شۇنداق قارىسام ئىسمائىل مەھمۇدنىڭ «ئېتىراپ» دېگەن شېئىرلار توپلىمى ئىكەن.
    شۇنداق قىلىپ مۇھەممەت پولات ئەپەندىنىڭ خالىس دەۋىتى بىلەن شائىر ئىسمائىل مەھمۇدنىڭ يۇقىرىقى ئىككى پارچە شېئىرلار توپلىمىدىن ئۆز خاھىشىم بويىچە بىر بۆلۈك شېئىرنى تاللاپ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنۇشنى لايىق كۆردۈم.


    گۈزەللەرنى سۆيۈش ئېغىر

    گۈزەللەرنى سۆيۈش ئېغىر،
    لېكىن مەن سۆيدۈم.
    سۆيدۈم تولۇق بىر يىگىتنىڭ،
    سۆيگۈسى بىلەن.
    سىزنى ئاغرىق يۈرىكىمنىڭ
    مەلھىمى دېدىم.
    كۆزلىرىمنىڭ نۇرى دېدىم
    سىزنى مۇتەبەر،
    گۈزەللەرنى سۆيۈش ئېغىر،
    لېكىن مەن سۆيدۈم.
    ئۆزگىلەرگە كۆرسەتمىدىم
    كۆزدە ياشىمنى.
    سىز تۈپەيلى مەن تەنىلەر
    ئاستىدا قالدىم.
    مۇھەببەتكە ئايلاندۇردۇم
    بار بەرداشىمنى!

    گۈزەللەرنى سۆيۈش ئېغىر،
    لېكىن مەن سۆيدۈم.
    سۆيگۈنىمنى ھېچكىملەرگە
    قىلمىدىم ئاشكار.
    يېنىپ سۆيدۈم ۋە سۆيگۈمنى
    پىنھانە تۇتتۇم.
    ئەجەب ئاڭا ئېرىشمىگىم
    شۇقەدەر دىشۋار!
    -----------------------


    ياق، ئېچىنىپ قارىما ماڭا

    ياق، ئېچىنىپ قارىما ماڭا،
    ئاختۇرمىغىن كۆزلىرىمدىن ياش.
    ئىككىمىزنى يېقىن سانىما،
    ئاسان ئەمەس كۆڭلۈمنى ئوۋلاش.

    ئۆتكەن ئىشلار بەرى تاسادىپ،
    تاسادىپتۇر بۇ جۇدالىق ھەم.
    تاسادىپتۇر ناگاھ قېقىلىپ،
    يىقىلغىنىم، بۇ خاتالىق ھەم...

    ئۆتەر ھەممە، ئۆتۈپ كېتىدۇ
    ئۆتۈپ كېتەر بۇ ئۆتكۈنچى غەم.
    شادلىققىمۇ نۆۋەت كېلىدۇ،
    شادلىققىمۇ تولار بۇ ئالەم.
    -----------------------


    ئۇزاقتا سەن، ئارىمىز يىراق

    ئۇزاقتا سەن، ئارىمىز يىراق.
    شادمۇ سەن -
    مەيۈسمۇ سەن -
    ماڭا نامەلۇم - ئارىمىز يىراق.
    يىراقتا مەن -
    سەندىن يىراقتا.
    خاپىمۇ شادمەن -
    ساڭا نامەلۇم - سەندىن يىراقتا
    ئارىمىزدا ئىشەنچ سوزۇلۇپ ياتار.


    يالغۇزلۇق

    يالغۇزلۇق.
    كىمگە كېرەك بۇ قىيىن تەقدىر؟
    سەن ھەم مېنى ئويلا،
    مەن ھەم سېنى ئويلاي
    بىر - بىرىمىزنى ئويلايلى،
    بىر - بىرىمىزنى تاپايلى،
    بىرلىشەيلى
    يوق قىلايلى بۇ يالغۇزلۇقنى!
    تاپقانلار ئازمۇ،
    تېپىشقانلار ئازمۇ،
    بىرلەشكەنلەر ئازمۇ،
    يوقاتقانلار ئازمۇ يالغۇزلۇقنى
    يورۇق دۇنيادىن؟!
    ------------------------

    يالماۋۇزنىڭ قەسىمى

    ئەسسالامىڭ بولمىسا،
    ئىككى يالماپ بىر يۇتىمەن.
    بىر يۇتىمەن، كېيىن يەنە،
    ئىشىككە كۆز تىكىمەن...
    يالماۋۇزمەن، يالماۋۇز
    ياۋۇزلۇقتا يالغۇزمەن.
    كىم كىرسىلا ئىشىكتىن
    سالىمىنى كۈتىمەن!
    -------------------------

    قىيىن ئىكەن بار گەپنى ئېيتماق

    قىيىن ئىكەن بار گەپنى ئېيتماق،
    قىيىن ئىكەن يۈزمۇ يۈز، ھەيھات.
    يۈرىكىڭدىن ئېتىلىپ چىققان
    سۆزلەر ساختا تۇيۇلاركەن، يات!

    سۈكۈت، سۈكۈت، مۇقەددەس سۈكۈت،
    ئەمدى سەنسەن مېنىڭ سۆزلىرىم.
    ئەمدى سەنسەن مېنىڭ كۆزلىرىم،
    سۈكۈت، سۈكۈت، مۇقەددەس سۈكۈت...
    --------------------------------

    يېنىمدىلا كۈلكەڭ جاراڭلار

    يېنىمدىلا كۈلكەڭ جاراڭلار،
    يېنىمدىلا تۇرۇپسەن، ئەركەم.
    تونۇش ئاھاڭ، تونۇش سۆزلەردىن،
    ھەيھات، يەنە كۆزلىرىمدە نەم.

    ئۈندەر، تىنماي يېنىغا ئۈندەر،
    ئاشۇ ئەزىز، مېھرىبان كۆزلەر.
    بارالمايمەن يېنىڭغا، ھەيھات،
    بارالمايمەن، يۈرىكىم بوزلار...

    (ئۇيغۇرچىلاشتۇرغىچى:ئەزىزى)

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.