چىنلىق بىلەن يالغان

يوللىغۇچى : yultuz920 يوللىغان ۋاقىت : 2014-03-01 19:00:12

ئەسلىدە ئالەمدە يەر يوق. بىرلا سۇ بولغانمىش، ئۇندا ئۈزگەنلەر پەقەت چىنلىق بىلەن يالغان ئىمىش. تەڭرى بەرگەچكە رەقىبلەرگە پەقەت بىرلا كېمە، ئولتۇرۇپتۇ ئىككىسى تەڭ بىر كېمىدە

     
     
    چىنلىق بىلەن يالغان

    (غابدۇللا توقاي شېئىرلىرىدىن تاللانما)

     
    غابدۇللا توقاي (1886-1913)
    مۇساجان ئەزىزى تەرجىمىسى


     
    ئەسلىدە ئالەمدە يەر يوق. بىرلا سۇ بولغانمىش،
    ئۇندا ئۈزگەنلەر پەقەت چىنلىق بىلەن يالغان ئىمىش.
     
    تەڭرى بەرگەچكە رەقىبلەرگە پەقەت بىرلا كېمە،
    ئولتۇرۇپتۇ ئىككىسى تەڭ بىر كېمىدە.
     
    ئۇزاق ئۆتمەي رەقىبلەر قاتتىق قاپتۇ ئۇرۇشۇپ،
    بولمىسا دوستلۇق قالمامدۇ ھەركىم بوغۇشۇپ.
     
    يالغان كۈچ بىلەن چىنلىقنى قاتتىق بىر ئۇرۇپ،
    مەڭگۈلۈك چىقماس تاشلاپتۇ سۇغا چۆكتۈرۈپ.
     
    1908-يىلى
     
    مەنبە: «دۇنيا ئەدەبىياتى» 2013-يىللىق 4-سانىدىن
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.